فىنلاندىيەنىڭ زۇڭتۇڭى فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشىنى تەستىقلاش قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىدى
فىنلاندىيەنىڭ زۇڭتۇڭى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشىنى تەستىقلاش قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىدى. شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە 2022-يىلى 5-ئايدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىدى. قائىدە بويىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزا 30 دۆلەت بىردەك قوشۇلۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدىلا يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىدۇ. نۆۋەتتە تۈركىيە بىلەن ۋېنگىرىيە شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشىنى رەسمىي تەستىقلىمىدى.
تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن