ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەتىيازلىق باشلىقلار يىغىنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئېچىلدى
ئىككى كۈن داۋاملاشقان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەتىيازلىق باشلىقلار يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا ياۋروپانىڭ رىقابەت كۈچىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ئاشۇرۇش ۋە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش قاتارلىق قارالمىلار نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس شۇ كۈنى يىغىنغا قاتناشقان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن خىزمەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندا قارا دېڭىز ئاشلىق تەشەببۇسىنىڭ يەرشارى ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش جەھەتتە ئوينىغان مۇھىم رولى مۇزاكىرە قىلىندى.
تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن