ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىراققا تاجاۋۇز قىلىش ئىنتايىن قەبىھ قىلمىش-نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشى قوزغىغانلىقىدەك ياۋايى، ساختا قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-27 09:28

ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى پەيتىدە، ب د ت جەنۋە مۇخبىرلار جەمئىيىتى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى توردا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى. كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر يىغىندا ئامېرىكىنىڭ ئىراققا تاجاۋۇز قىلىش، ئىشغال قىلىشتەك قەبىھ جىنايىتىنى ئەيىبلەپ، ئۇرۇش ئىراق خەلقىگە غايەت زور ئازاب ئېلىپ كەلدى، شۇ جاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملاردا يامانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ كۆرسەتتى.

ئەنگلىيە مانچېستېر داشۆسىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى مۇتەخەسسىسى مارتىن بروۋن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ ئىراققا تاجاۋۇز قىلىشى يالغان سەۋەب بىلەن «ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى» ئېلىپ بارغان قىياپەتكە كىرىۋېلىشتەك ياۋايى قىلمىش بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا قانۇننى ئاشكارا كۆزگە ئىلمايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىنىڭ «ھېچكىم مەسئۇل بولمىسىمۇ بولىدىغان، ساختا ھەققانىيلىقنىڭ قەغەز ئۆيى» ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەردى.

بروۋىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىراق ئۇرۇشى پەيدا قىلغان داۋالغۇش ۋە قالايمىقانچىلىق شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىغا غايەت زور ئازاب ۋە ئاپەت ئېلىپ كەلدى. لېكىن، ئۇرۇشنى قوزغىغۇچىلار ئۆزىنىڭ جىنايىتى ئۈچۈن ھېچقانداق ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئالمىدى.

ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات جەنۋە خەلقئارا ھەققانىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ناجى خاراج مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ ئىراققا تاجاۋۇز قىلىشى ئىنتايىن يامان قىلمىش. ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا كۆرۈنۈشتە ئىراقلىقلارنىڭ ئۆز ئىستىقبالىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يۈز بەرگەن ئىش دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولدى. 20 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇزغۇنچىلىق يەنىلا مەۋجۇت بولماقتا، ئىراقنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەرقايسى قاتلاملاردا داۋاملىق يامانلاشماقتا.

خاراج مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە قەتئىي ھالدا مۇنداق دېدى: بىز بەزى دۆلەتلەرنىڭ ساختىلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئىراققا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان قىياپەتكە كىرىۋالغاندىكى ساختىلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمىز. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، جەنۋە خەلقئارا ھەققانىيەت مەركىزى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بىر كومىتېت تەسىس قىلىپ، ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىغاندىن بۇيان شۇ جايدا يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋەقەلىرىنى تەكشۈرۈشكە ئىزچىل تۈرتكە بولۇپ كەلدى. لېكىن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن، بۇ مەسىلە ئىزچىل كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مۇزاكىرىسىگە كىرگۈزۈلمىدى.

ئىراق باغداد داشۆسى قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ سابىق مۇدىرى سۇۋاد ئەلى ئازاۋىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇرۇشتا كۈچسىز ئۇران بومبا قاتارلىق ئادەتتىن تاشقىرى قوراللارنى ئىشلىتىپ، ئىراق خەلقىنىڭ سالامەتلىكى ۋە مۇھىتىغا غايەت زور زىيان يەتكۈزگەن. ئۇ ئېلان قىلىنغان تەتقىقات سانلىق مەلۇماتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ قوراللارنىڭ رادىئوئاكتىۋلىق تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئىراق خەلق ئاممىسىنىڭ راك كېسىلى، تۇغما غەيرىيلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئازاۋى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىدىكى داشۆدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئالىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ئامېرىكا ۋە خەلقئارا ژۇرناللارغا ئىراق توغرىسىدا ماقالىلەرنى بېرىپ كېلىۋاتىمەن، مۇھەررىرلەر ماقالىدە «تاجاۋۇز قىلدى» دېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ ماقالەمنى ئېلان قىلىشنى خالىمىدى، ئىراقنىڭ تاجاۋۇز قىلىنغانلىقىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى مانا مۇشۇنداق ئامېرىكا بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ سۆز زومىگەرلىكى سەۋەبلىك يوشۇرۇپ قېلىندى.  مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئۆكتەملىك بىلەن ئۇرۇش قوزغاپ، ئىراققا داۋاملىق داۋالغۇش، قالايمىقانچىلىق ئېلىپ كېلىپ، سانسىزلىغان بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 20 يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۇ ئاپەتنى پەيدا قىلغۇچىلار ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىماي، يەنە داۋاملىق ھېچ ئىش بولمىغاندەك «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى»لىق رولىنى ئالماقتا.

شۇ كۈندىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كېيىن، جەنۋە خەلقئارا ھەققانىيەت مەركىزى «مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە ھەققانىيەت: ئامېرىكىنىڭ ئىراققا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى» ناملىق ئەڭ يېڭى دوكلاتنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنداق دەپ قارالدى: ئىراققا تاجاۋۇز قىلىشنى پىلانلاش جەريانىدا، ئامېرىكا سادام ھاكىمىيىتىنى ئالۋاستىلاشتۇرۇش ھەمدە ئۇرۇش مەقسىتىنى پەردازلاشتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەقىقىي مۇددىئاسىنى يوشۇردى.

دوكلاتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىراق تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان ۋە قانۇنسىز ئىشغال قىلىنغانلىقىغا 20 يىل بولغان پەيتتە، ئامېرىكا يەنىلا رەسمىي كەچۈرۈم سوراپ باقمىدى، ھېچقانداق تۆلەممۇ تۆلىمىدى، خەلقئارا سوتنىڭ سوتىغىمۇ تارتىلمىدى. دوكلاتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىراقنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئىشغالىيەتكە ئۇچرىشىنىڭ بەدىلى ناھايىتى زور، ئۇرۇش قوزغىغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۈشى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار چوقۇم ھەققانىيەتكە ئېرىشىشى كېرەك.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىراققا تاجاۋۇز قىلىش ئىنتايىن قەبىھ قىلمىش-نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشى قوزغىغانلىقىدەك ياۋايى، ساختا قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى پەيتىدە، ب د ت جەنۋە مۇخبىرلار جەمئىيىتى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى توردا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى.