ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆپ دۆلەت زاتلىرى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەتىجىلىرى دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ، دەپ قارىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-27 09:52

كۆپ دۆلەت زاتلىرى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەتىجىلىرى دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ، دەپ قارىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان جۇڭگو سودا كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئاناس فادا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى غايەت زور ئېنېرگىيەنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، بولۇپمۇ ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى ئېنىق بولمىغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، بىز ئىزچىل جۇڭگودىن كەلگەن پۇرسەت ۋە ئۈمىدنى كۆردۇق، شۇنداقلا قوللاشقا ئېرىشتۇق، جۇڭگومۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ھەمراھقا ئايلاندى.

كولومبىيە تاشقى داشۆسىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى لىنا لۇنا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز جۇڭگونىڭ ئىچكى ئېھتىياجغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى كۆرۈشنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىنى بىرىكتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ناھايىتى ئېنىقكى جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى قوغلىشىۋاتىدۇ.

جەنۇبىي ئافرىقا داشۆسى مۇبېكى ئافرىقا رەھبەرلىك كۈچى تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى تەن جېلى مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىدا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا پىلانلانغان ئۇلۇغۋار پىلان يولغا قويۇلىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىدا دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىنىدۇ، چەت ئەللەرنىڭ بىۋاسىتە مەبلىغىنى قانداق جەلپ قىلىش توغرىسىدا جۇڭگو  ناھايىتى ئاقىلانە بولماقتا، چۈنكى جۇڭگو ئەمدى نوقۇل ھالدا ئېكسپورتنىڭ ئېشىشىغا تايىنىۋالمايدۇ، دۆلەت ئىچى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ.

كۆپ دۆلەت زاتلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىنسانلارنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى يېڭى تاللاش بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق.

بىرازىلىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئورگان مۇناسىۋىتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئالېكساندىر پادىللا مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى يەنە جۇڭگونىڭ پەن-تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى سېلىنمىسى قاتارلىقلاردا بىز جۇڭگو ياراتقان نەتىجىلەرنى كۆردۇق. بىرازىلىيە بۇ نەتىجىلەرگە ئىنتايىن قايىل، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو مەبلىغىنىڭ بىرازىلىيە بازىرىغا كىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

گېرمانىيەنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى زات رالف كىلاين مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنى بەرگەن سىگنال بىزنىڭ جۇڭگو بازىرىنى داۋاملىق چوڭقۇر قېزىشىمىزنى شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىر جۇڭگو نۇرغۇن ساھەلەردە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېخنىكا ئەۋزەللىكىگە ئىگە، بىزمۇ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

شىۋېيتسارىيە تىچىنو ئىشتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى لىيا فارارى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى كىشىنى ناھايىتى قىزىقتۇرىدۇ ھەم ھاياتىي كۈچكە تولغان، بۇ غەرب ئەندىزىسىگە ئوخشىمايدۇ، شىۋېيتسارىيەدىمۇ جۇڭگونىڭ تەجرىبىسىدىن ئۆرنەك ئالالايدۇ.

تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۆپ دۆلەت زاتلىرى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەتىجىلىرى دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ، دەپ قارىدى

كۆپ دۆلەت زاتلىرى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەتىجىلىرى دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ، دەپ قارىدى