ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياپونىيە پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى تارىختىكى ئەڭ كۆپ مۇداپىئە خامچوتىنى ماقۇللىدى، خەلق ئاممىسى ئېتىراز بىلدۈرۈش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-29 15:35

ياپونىيە پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى3-ئاينىڭ 28-كۈنى ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەدىكى كۆپ ساندىكىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن مۇداپىئە راسخوتىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2023-مالىيە يىلدىكى خامچوت لايىھەسىنى ماقۇللىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، مۇداپىئە خامچوتى 6 تىرىليون 821 مىليارد 900 مىليون ياپونىيە يېنىغا يېتىپ، 2022-مالىيە يىلىدىكىنىڭ 1.26 ھەسسىسىگە توغرا كېلىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇداپىئە كۈچىنى كۈچەيتىش مەبلىغى 3 تىرىليون 380 مىليارد 600 مىليون ياپونىيە يېنى كۆپەيتىلدى.

ياپونىيە خەلق ئاممىسى شۇ كۈنى كېڭەش پالاتاسى بىناسى ئالدىدا  ئېتىراز بىلدۈرۈش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ، «ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىش خامچوتىغا قارشى تۇرايلى»، «ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىش خامچوتىنى ئىجرا قىلىشنى توختىتايلى» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

بىر ئېتىراز بىلدۈرگۈچى مۇنداق دېدى: ئالدىنقى مالىيە يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا بىر تىرىليون 400 مىليارد ياپونىيە يېنى كۆپەيتىلدى، ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ھەقىقەتەن قاملاشمىغان خام چوت لايىھىسى  بولۇپتۇ، ئۇلار بىز تاپشۇرغان باجنىڭ ھەممىسىنى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا ئىشلەتمەكچىمۇ؟ بىز بۇنىڭغا كۈچلۈك قارشى تۇرىمىز.

يەنە بىر ئېتىراز بىلدۈرگۈچى مۇنداق دېدى:  قورال-ياراغلارنىڭ سانى كۆپەيسە، ئۇرۇش كېلىپ چىقىش مۇمكىنچىلىكىمۇ ئاشىدۇ. ياپونىيە  قايتا ئۇرۇش قوزغىماسلىققا ۋەدە بەرگەن، لېكىن ھازىر ياپونىيە لەۋزىدە تۇرمايۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有