تۈركىيە زۇڭتۇڭى: ۋېنگىرىيەگە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش مەسىلىسىدە بارلىق ياردەم بىلەن تەمىنلەيمىز، دېدى
تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان 3-ئاينىڭ 29-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن بىرلىكتە ئاناتولىيەدىن ھالقىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ئارقىلىق ۋېنگىرىيەگە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش مەسىلىسىدە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەردوئان يەنە تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى جەھەتتە ۋېنگىرىيەنىڭ داۋاملىق قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل