رۇسىيە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتلىرىنىمۇ قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلغان ئۇرۇش خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە ئارمىيەسى كەسكىن جەڭ قىلىش ئارقىلىق باخامۇت شەھىرىنىڭ غەربىدىكى ئۈچ كوچىنى كونترول قىلغان. رۇسىيە ئارمىيەسى كۇپىيانسك، دونېسىك قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ خادىملىرى ۋە قورال-جابدۇقلىرىغا زەربە بەرگەن. ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىم باش ئىشتابى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ باخمۇت قاتارلىق تەرەپلەردە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيە ئارمىيەسى خادىملىرى ۋە قورال-جابدۇقلىرى مەركەزلەشكەن رايون، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ۋە بىر قىسىم مۇھىم ھەربىي نىشانلارغا زەربە بەردى.
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىنى يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەمدە قوغلاپ چىقىرىش قىلمىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، رۇسىيەنىڭ گېرمانىيەنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىنىمۇ قوغلاپ چىقىرىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، گېرمانىيەنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ ئادەم سانىغا قاتتىق چەكلىمە قويۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زاخاروۋا 4-ئاينىڭ 22-كۈنى رۇسىيەنىڭ گېرمانىيەنىڭ 20 نەچچە دىپلوماتىنى قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئاينىڭ 21-كۈنى دانىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، «شىمالىي ئېرىق» تۇرۇبىسىنى پارتلىتىۋېتىشنىڭ سۇغا شۇڭغۇش تېخنىكىسىغا بولغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن، شۇڭا ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچىدا «ئىلغار دېڭىز ئارمىيەسى قىسىمى» ئىشلىتىدىغان سۇ ئاستى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنغان.
ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توغرا كوئوردېنات ياكى ئىز قوغلاش تېخنىكىسى بولمىغان ئەھۋالدا، تۇرۇبىنىڭ ئورنىنى تېپىش ھەمدە تۇرۇبىنىڭ ئاستىغا نەچچە يۈز قاداق ئېغىرلىقتىكى پارتلاتقۇچ دورا قويۇش ئۈچۈن ئاز دېگەندە بىر نەچچە سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالتىق دېڭىزى سۇ رايونىدىكى تۇز مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى چوڭ، قاتلاملىق ئېقىمنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن، چۆكمە پاراخوتىنىڭ مەخپىي دېڭىز سەپىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئىنتايىن قىيىن. ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسمى پارتلىتىش ئورنى ئەتراپىدا سۇ ئاستى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى بىلەن مانېۋىر قىلغان ئىكەن.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىر باياناتىغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى 6-ئايدىكى «بالتىق دېڭىزى ھەرىكىتى»نىڭ يىللىق ھەربىي مانېۋىرىدا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 6-فىلوتى 10 كۈن سۇ ئاستىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشىقى قىلغان. ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق تەكشۈرۈش مۇخبىرى سېيمور خېشنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى غەۋۋاسلىرى دەل بۇ ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ھىمايىسىدە، «شىمالىي ئېرىق» تۇرۇبىسىغا يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان بومبىنى ئورۇنلاشتۇرغان.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا