رۇسىيە زۇڭتۇڭى بۇيرۇق ئىمزالاپ، دوستانە دۆلەتلەرگە نېفىت باھاسىغا چەك قويۇشقا چېتىلىدىغان تەمىنلەش چەكلىمىسىنى بوشاتتى
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، دوستانە دۆلەتلەر بىلەن 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ھاسىل قىلغان كېلىشىم بويىچە، ئۇلارنى نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى تەمىنلەشكە رۇخسەت قىلدى.
رۇسىيە قانۇن ئۇچۇر تور بېكىتى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى بۇيرۇققا مۇناسىپ ھۆججەت ئېلان قىلدى. بۇ بۇيرۇق 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولدى، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرى پۇتىن ئىمزالىغان غەربنىڭ رۇسىيەنىڭ نېفىت باھاسىغا چەكلىمە قويۇشىغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى زۇڭتۇڭ بۇيرۇقىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.
تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن