ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سۇداندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا قوشۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-06 09:46

سۇداننىڭ كېنىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كۇبارا 5-ئاينىڭ 4-كۈنى سۇداندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇدان تاراتقۇلىرىنىڭ 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇدان قوراللىق قىسىمى بىلەن تېز سۈرئەتلىك ياردەمچى قىسىمى بۇنىڭدىن بۇرۇن «پىرىنسىپ جەھەتتىن» شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ يەتتە كۈن ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلغان. بىراق سۇداننىڭ پايتەختتى خارتۇم يەنىلا داۋاملىق ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇۋېتىپتۇ، توقۇنۇشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى «4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن دەسلەپكى مەزگىلدىكى سەۋىيەگە قايتقان».

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇداندىن 860 مىڭ مۇساپىر ۋە سۇداندىن يۇرت ماكانىغا قايتىشنى خالايدىغان كىشىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز، بۇ پىلانغا 445 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چاد، جەنۇبىي سۇدان، مىسىر، ئېفىيوپىيە ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوللىشىغا توغرا كېلىدۇ.

سۇداندا قوراللىق توقۇنۇش پارتىلىغاندىن بۇيان، 330 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ماكانسىز قالدى.

تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有