رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ كىرېمل سارىيىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئىنكاس قايتۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، رۇسىيە ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 78 يىللىقىنى خاتىرىلەش موسكۋا قىزىل مەيدانىدىكى ھەربىي پارات پائالىيىتى ئىككىنچى قېتىم رېپېتىتس قىلىندى. رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان قىزىل مەيدان غەلىبە كۈنىنى خاتىرىلەش ھەربىي پارات پائالىيىتى نورمال ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى ۋەقەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىۇ.
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ كىرېمل سارىيىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلەپ، رۇسىيە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ئالاقىدار تارماقلىرى بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى، رۇسىيە بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە قارىتا مۇناسىپ ئىنكاس قايتۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىدۇ دېدى.
تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاكار 5-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇنداق دېدى: ئەسلىدە 5-ئاينىڭ 5-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدا ئېچىلىدىغان تۈركىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنانىڭ مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى كېلەر ھەپتىگە سۈرۈلدى، بۇ يىغىندا قارا دېڭىز پورتىدىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا توشۇش كېلىشىمىنى ئۇزارتىش-ئۇزارتماسلىق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن