ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كورېيەدىكى نۇرغۇن ئەلئارا تەشكىلاتلار ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ كورېيەدە زىيارەتتە بولۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-10 09:05

كورېيەدىكى نۇرغۇن ئەلئارا تەشكىلاتلار 5-ئاينىڭ 7-كۈنى سىئولدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدانىڭ كورېيەدە زىيارەتتە بولۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى ھەمدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، تارىخنى بۇرمىلاش قاتارلىق مەسىلىلەردە سەمىمىي كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلدى.

كورېيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئالدىدىكى يىغىلىش نەق مەيدانىدا، ئامما «كورېيە، ئامېرىكا، ياپونىيە ئىتتىپاقى قۇرۇشنى توختىتىش»، «ياپونىيەگە خورلىنىش دىپلوماتىيەسىنى توختىتىش»، «يادرو بۇلغىما سۇلىرىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش پىلانىنى دەرھال بىكار قىلىش» قاتارلىق خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋالدى. ئۇلار ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىدىن كەچۈرۈم سوراشنى ھەمدە تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. كورېيە، ئامېرىكا، ياپونىيە ئۈچ تەرەپنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى توختىتىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغداشنى قاتتىق مۇراجىئەت قىلدى.

فۇمىئو كىشىدا 5-ئاينىڭ 7-كۈنى كورىيىگە يېتىپ بېرىپ، ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. فۇمىئو كىشىدا زىيارەتكە كېلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، تەخمىنەن 5 مىڭچە شەھەر ئاھالىسى يامغۇرغا قارىماي سېئۇل شەھىرى مەركىزىگە يىغىلىپ فۇمىئو كىشىدانىڭ كورېيەدە زىيارەتتە بولۇشىغا قارشى تۇردى.

تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有