ئامېرىكا دوللىرى نېمىشقا بارغانسېرى ئالقىشقا ئېرىشەلمەي قالدى؟
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ئامېرىكا دوللىرى زومىگەرلىكىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى كۈچەيتىۋەتتى. بۇنىڭغا قارىتا، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئامېرىكا قەرزىنى ئازايتىش، ئىككى تەرەپلىك پۇل كېلىشىمى ۋە تاشقى پېرېۋوت زاپاس پۇلى مۈلكىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، پۇلنىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى.
ھىندىستان كېتاك بانكىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئۇداي كېتاك 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ھىندىستان تاراتقۇلىرى ئۆتكۈزگەن بىر يىغىندا ئامېرىكا دوللىرىنى «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پۇل مۇئامىلە تېررورچىسى» دەپ تەنقىدلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پۇل مۇئامىلە تېررورچىسىىنى ئامېرىكا دوللىرى دەپ قارايمەن. ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر كىشى: ئەتە ئەتىگەندىن باشلاپ پۇل ئالالمايسىز، پۇل توڭلىتىۋېتىلىدۇ، مانا بۇ زاپاس پۇلنىڭ كۈچى، دەيدۇ. مېنىڭچە بىز دۇنيا تارىخىدىكى ئىنتايىن ھالقىلىق پەيتتە تۇرۇۋاتىمىز، پۈتۈن دۇنيا يەنە بىر خىل زاپاس پۇلنى ئىزدەۋاتىدۇ.
كېتاك يۇقىرىقى سۆزنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، يەنە بىر يازما ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر سۆزلىرىنى پەسەيتمەكچى بولدى، ئەمما ئۇ يەنىلا ئامېرىكا دوللىرى زاپاس پۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن نىسبەتسىز ھوقۇققا ئىگە، دېدى.
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى گورگىيېۋا 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، ھەر دۆلەتلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئامېرىكا دوللىرىنى ئىشلىتىشنى تەدرىجىي توختىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يەر شارىدىكى داڭلىق مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى ئىيۇرىزون SLJ نىڭ 4-ئايدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يەر شارى بويىچە ئالدىن تاللانغان زاپاس پۇل بولۇش ئورنى 2022-يىلى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەن. 2003-يىلى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يەر شارى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئومۇمىي سوممىسىدىكى نىسبىتى تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسىم بولۇپ، 2021-يىلىغىچە ٪55كە چۈشكەن، بۇلتۇر ٪47كە چۈشكەن.
يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، «ئامېرىكا دوللىرىسىزلاشتۇرۇش» دولقۇنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىدى. غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئاغزىدىكى «پۇل شاھى ئامېرىكا دوللىرى»دىن تارتىپ ھازىرقى قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ «ئامېرىكا دوللىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولۇشى»غىچە، ئامېرىكا دوللىرى نېمە ئۈچۈن بارغانسېرى ئالقىشقا ئېرىشەلمەي قالدى؟
«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 4-ئاينىڭ 30-كۈىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، غەرب ئەللىرى رۇسىيەنى جازالاشنى كۈچەيتىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ھىندىستان بىلەن رۇسىيە بىر-بىرىنىڭ چىقىم قىلىش سىستېمىسىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ.
خەۋەردار زاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، بىر-بىرىنىڭ چىقىم قىلىش سىستېمىسىنى ئېتىراپ قىلىش-ئىككى دۆلەتتە پۇقرالىرىنى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن باغلانغان بېكىتكەن سودا مېخانىزمىنى قايرىپ قويۇپ، رۇبلى ۋە رۇپىيەنى ئىشلىتىپ توسالغۇسىز چىقىم قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.
بۇ يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ «ئامېرىكا دوللىرىسىزلاشتۇرۇش» مۇساپىسىنىڭ تېزلىتىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى.
4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئارگېنتىنا جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارنى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئەمەس بەلكى خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 4-ئاينىڭ 17-كۈنى بېنگال بىلەن رۇسىيە كېڭىشىپ رۇسىيەنىڭ بېنگالدا قۇرغان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىنىڭ پۇلىنى خەلق پۇلى بىلەن تۆلەشكە قوشۇلدى. 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ھىندىستان مالايسىيە بىلەن بولغان سودىنى ھىندىستان رۇپىيەسى بىلەن راسچوت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 3-ئاينىڭ 31-كۈنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۆز پۇلى بىلەن سودا قىلىش پىلانىنى ماقۇللاپ، ئۆز پۇلىنى ئىشلىتىشنى كۈچەيتتى ھەمدە چېگرا ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش جەريانىدا ئامېرىكا دوللىرى ئاساس قىلىنغان خەلقئارادىكى ئاساسلىق پۇللارغا تايىنىۋېلىشنى ئازايتتى.
بىرازىلىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي تەھلىلچىسى پېپې ئەسكوبار يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا دوللىرىسىزلاشتۇرۇش» مۇساپىسى «يۇقىرى سۈرئەتلىك يول»غا كىردى، دېدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ھازىر ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يەر شارىدىكى زاپاس پۇل بولۇش ئورنى ئاجىزلىشىۋاتقانلىقى ئېنىق. ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىكى يىمىرىلىۋاتىدۇ، «ئامېرىكا دوللىرىسىزلاشتۇرۇش»، ئامېرىكا تۈزۈمىنبىڭ ۋەيران بولۇۋاتقانلىقىنىڭ مۇقەررەر ئىنكاسى.
ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس پېتىر ساينت ئاڭگېر يېقىندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا دوللىرى ئادەتتىكى چىقىم قىلىش، راسچوت قىلىش ۋە مەبلەغ سېلىش ۋاسىتىسىدىن تەدرىجىي ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپلىك جازالاشقا ئىشلىتىلىدىغان پۇل مۇئامىلە قورالىغا ئايلاندى. بولۇپمۇ بۇلتۇر رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى كەسكىنلەشكەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ خالىغانچە ئامېرىكا دوللىرىنى «قوراللاشتۇرۇش» ئۇسۇلىنى قوللىنىشى، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ «ئامېرىكا دوللىرىسىزلاشتۇرۇش» قەدىمىنى تېزلەتتى.
ئامېرىكىلىق كارخانىچى ئېلون ماسك يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا، ئەگەر بىر خىل پۇل كۆپ قېتىپ قوراللاشتۇرۇلسا، باشقا دۆلەتلەر ئۇنى ئىشلىتىشنى توختىتىدۇ، دېدى.
تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا دوللىرىنى ئىشلىتىشنىڭ ئېنىقسىزلىقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «ئامېرىكا دوللىرىسىزلاشتۇرۇش» خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە ئىشەنچ ئېلىپ كېلىدىكەن.
تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن