پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا نېمە ئۈچۈن «تېز ئۇرۇش توختىتىش» ۋەزىيىتى كۆرۈلىدۇ؟
مىسىر، قاتار ۋە ب د ت نىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتى بىلەن ئىسرائىلىيە 5-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەردە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇشى بىر كۈن داۋاملىشىپلا ئاخىرلاشتى. گەرچە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 5-ئاينىڭ 4-ۋە 6-كۈنى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئايرىم-ئايرىم يەنە تۆت ۋە ئىككى پەلەستىنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن نىسبەتەن تىنچ بولدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دائىم مۇشۇنداق «تېز ئۇرۇش قىلىپ تېز توختىتىش» ئەھۋالى كۆرۈلدى، گەرچە ئىككى تەرەپنىڭ كىچىك كۆلەملىك توقۇنۇشى ئۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش ھەمىشە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلىشىدۇ، بۇ قېتىممۇ بۇ خىل يۈزلىنىش داۋاملاشتى. ئىككى تەرەپنىڭ ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى سەۋەبى بار، ھەم يېقىنقى ئوتتۇرا شەرق «يارىشىش دولقۇنى»نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ھەممىسى توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىشىدىن نەپكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان، شۇڭا ئۆزئارا تەھدىت سېلىش جەريانىدا مەلۇم دەرىجىدە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان.
4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بىلەن پەلەستىن خەلق ئاممىسى يېرۇسالېم كونا شەھىرىدىكى ئاقسا مەسچىتىدە توقۇنۇشقاندىن بۇيان، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ، ۋەزىيەت بىر مەھەل جىددىي ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە، گازا رايونى، لىۋاننىڭ جەنۇبىي قىسمى، سۇرىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن كەلگەن تەخمىنەن 80 راكېتا بومبىسى ئىسرائىلىيە زېمىنى ياكى ئۇنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا ئېتىلدى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك توپقا تۇتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە ئېرۇسالىمنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا پەلەستىنلىكلەر بىلەن داۋاملىق توقۇنۇشتى ھەمدە ئۆلۈم-يېتىم پەيدا قىلدى، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە يېرۇسالېم قاتارلىق جايلاردىمۇ نەچچە قېتىم ئىسرائىلىيەلىكلەرگە قارىتىلغان ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەردى.
بىراق، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىنقى ئۇرۇشىغا نەزەر سالساق، پەلەستىننىڭ ئىسرائىلىيەگە كەلتۈرگەن ئەمەلىي زىيىنى چەكلىك، مەسىلەن، لىۋان چېگراسى ئىچىدىن قويۇپ بېرىلگەن راكېتا بومبا كۆپ بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، پەقەت بەش تاكىتا بومبا ئىسرائىلىيە چېگراسى ئىچىگە چۈشۈپ، ئۈچ ئىسرائىلىيەلىك يېنىك يارىلانغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ گازا رايونىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى ئاساسلىقى پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، پۇقرالارغا ئازراق تەسىر كۆرسەتكەن، لىۋان، سۇرىيەگە قىلغان ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىش ئاز ساندىكى كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان چېگرا رايون بىلەنلا چەكلىنىپ، «نىشانغىچە بومباردىمان قىلىش»تەك ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش سىگنالى بەرگەن.
ۋاشىنگتون پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى تەتقىقاتخانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىمى ھۈسەيىن ئىبىشنىڭ قارىشىچە، ھازىر پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە بىر خىل «يېڭى نورمال ھالەت»تە تۇرۇۋېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى توقۇنۇش كۆپ يۈز بېرىش، بىر-بىرىگە تىغمۇتىغ تاقابىل تۇرۇش ئىكەن، لېكىن كۆپ ھاللاردا چوڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمەيدىكەن.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئەڭ يېڭى توقۇنۇشىدا تېز سۈرئەتتە ئۇرۇش توختىتىشنى تاللىشىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سەۋەبلەرمۇ بار، شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئېلىپ كەلگەن ئوتتۇرا شەرق «يارىشىش دولقۇنى»نىڭ تەسىرىمۇ بار. نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەرنى قورال كۈچى ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكتىن، سۆھبەت ئارقىلىق ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىيىتى بارغانسېرى كۈچەيدى. پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدۇ، «يارىشىش دولقۇنى» ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئالاقىدار تەرەپلەر توقۇنۇشنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىنى خالىمىدى.
پەلەستىن تەرەپتىن قارىغاندا، پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) قاتارلىق رادىكال قوراللىق مەزھەپلەر ئىزچىل تۈردە بىر قەدەر مۆتىدىل بولغان ئاساسىي مەزھەپ پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى (فاتاخ) بىلەن پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى تالىشىپ، دائىم ئىسرائىلىيەگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق پەلەستىن خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. خاماسنى قوللايدىغان ئىران بىلەن فاتاخنى قوللايدىغان سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەرقايسى مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە پەلەستىن- ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىگە مۇقەررەر تەسىر كۆرسىتىدۇ. پەلەستىن مۇقەددەس شەھەر داشۆسىنىڭ سىياسەتشۇناسلىق پىروفېسسورى ئەخمەد رافىق ئاۋاد مۇنداق دەپ قارىدى: رايون يارىشىش ۋەزىيىتى پەلەستىندىكى ھەر قايسى مەزھەپلەرنىڭ ئۆزئارا تىركىشىشىنى ئازايتىپ، رادىكال قوراللىق مەزھەپلەرنىڭ ئىسرائىلىيەگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىش مۇددىئاسىنى ئاجىزلىتىشقا، شۇ ئارقىلىق پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ جىددىي مۇناسىۋىتىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق.
ئىسرائىلىيە تەرەپتىن قارىغاندا، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلام دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يارىشىش ئىسرائىلىيەگە تېخىمۇ زور بېسىم ھېس قىلدۇردى، زۇڭلى نىتانىياخۇ رەھبەرلىكىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى دۆلەت ئىچىدە قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتى سەۋەبىدىن خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتتى، بۇ چاغدا پەلەستىن بىلەن بولغان توقۇنۇش «ئىچكى ئەندىشە» ئۈستىگە «تاشقى خەۋپ»نى كۆپەيتىپ، كۈنسېرى ئاجىزلىشىۋاتقان خەلق رايى ئاساسىنى يەنىمۇ تەۋرىتىدۇ. ئاۋاد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نىتانىياخۇنىڭ نۆۋەتتە پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىغا چەكلىك ئىنكاس قايتۇرۇشتىكى مەقسىتى ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ ئەتراپتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش. ئىسرائىلىيە رايون دىپلوماتىيە سىياسىتى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى نىمرود گورون مۇنداق دەپ قارىدى: ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار ھەم ۋەزىيەتنى قەستەن كەسكىنلەشتۈرمەيدۇ ھەم ئاسانلىقچە مۇرەسسە قىلمايدۇ، نازۇك ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق ياكى نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىسرائىلىيە بىلەن قىسمەن ئەرەب ئەللىرى ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقىنى يېتەكچى قىلغان ھەمكارلىق قەدىمى كۈنسېرى تېزلىشىپ، ئورتاق مەنپەئەت ئاساسىدىكى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. نۆۋەتتە، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن باشلانغان سۆھبەت ۋە يارىشىش ۋەزىيىتى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، پەلەستىن ھەمدە ئالاقىدار تەرەپلەر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، سىياسىي جاسارىتىنى ئىشقا سېلىپ، تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قەدەم بېسىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئادىل، ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل