ئوڭايسىزلىنىش، ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قايتىشنى خالايدۇ
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى بولغان ئەنگلىيە جامائەت پىكرى تەكشۈرۈش شىركىتى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئايدا، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش بىر خاتالىق» دەپ قارىغان ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ نىسبىتىدە يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە : 2016-يىلى 6-ئايدىكى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلمىگەچكە، %57 ئەنگلىيەلىك ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش قارارىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، %32 كىشى بۇ قارارنى توغرا دەپ قارىغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكى، ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇلسا، ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قايتىدىن كىرىش بېلىتى تاشلايدىغانلىقى، %31 كىشى ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرمەسلىك بېلىتى تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنگلىيە جامائەت پىكرى تەكشۈرۈش شىركىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ نەتىجە 2021-يىلى 1-ئايدىن بۇيانقى «مۆتىدىل بۇرۇلۇش» تىن دېرەك بېرىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا %49 كىشى قايتىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشكە بېلەت تاشلايدىغانلىقى، %37 كىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرمەسلىكنى تاللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى سوناك 5-ئايدا ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى پايدا ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، دېدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەركىن پورت ۋە قوشۇلما قىممەت بېجىنى كېمەيتىش قاتارلىق سىياسەتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ پىۋا ۋە تازىلىق بۇيۇملىرىنى تېخىمۇ ئەرزانلاشتۇرىدۇ، دېدى.
ئىقتىسادشۇناسلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەركىن پورت يەنى باج ۋە تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ھەمدە سودا قائىدە-نىزاملىرىنى ئاددىيلاشتۇرىدىغان ئالاھىدە رايون ئەنگلىيە ئىقتىسادىنى جانلاندۇرالمايدۇ، ئۇنىڭ رايون تەرەققىيات قۇرالى بولۇش قىممىتى چەكلىك بولۇشى مۇمكىن.
خەۋەردە، باشقا تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەنگلىيەنىڭ سودا سېلىنمىسى 2016-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان ئاساسەن كۆپەيمىدى، دەپ كۆرسىتىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى قوللايدىغان ئىقتىسادشۇناسلار: 2016-يىلىدىن بۇرۇنقى بىر نەچچە يىلدا كاپىتال كۈچلۈك ئاشتى، كېيىن مۇقەررەر ئاستىلىدى، دەپ كۆرسەتتى. لېكىن سودا تەكشۈرۈشىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ئىقتىسادنىڭ توختاپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، دەپ كۆرسىتىلدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت