رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھۇجۇمىنى كۆپ تەرەپتىن چېكىندۈرگەنلىكىنى، ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ خادىملىرى ۋە قورال-ياراغلىرى مەركەزلەشكەن رايونغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇكرائىنانىڭ ھۇجۇمىنى كۆپ تەرەپتىن چېكىندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى، ئۇكرائىنا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ خادىملىرى ۋە قورال-ياراغلىرى مەركەزلەشكەن رايونغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇرۇش ئەھۋالى ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە ئارمىيەسى قىزىل لىمان يۆنىلىشىدىكى سېرگىيېۋكا مەھەللىسىنى ئىگىلىگەن. دونېتسىك رايونىدا رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ تۆت قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن. زاپوروژې رايونىدا رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى لۈنىڭ قورال-ياراغ، ئوق-دورا ئىسكىلاتى ۋە يېقىلغۇ ئىسكىلاتىنى پاچاقلاپ تاشلىغان. قىزىل لىمان يۆنىلىشىدە، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ تۆت قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بىر رازۋېدكا بۇزغۇنچىلىق گۇرۇپپىسىنىڭ ھەرىكىتىنى مەغلۇپ قىلغان. رۇسىيە ئارمىيەسى يەنە ئۇكرائىنانىڭ ژىتومىر ئىشتاتىدىكى چەت ئەل تەمىنلىگەن قوراللارنى ساقلايدىغان ئىسكىلاتنى پاچاقلاپ تاشلىغان. رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ تۆت لۈيىگە زەربە بېرىپ، بىر قورال-ياراغ، ئوق-دورا ئامبىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغان.
ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمى باش ئىشتابىنىڭ باياناتچىسى كاۋايوف شۇ كۈنى ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمىنىڭ باخمۇت، مېلىتوپول ۋە بېرجانسكتا داۋاملىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەرىكەت مەزگىلىدە رۇسىيە ئارمىيەسى باخمۇت تەرەپتىكى ئاندرفكا رايونىدىكى بازىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىم باش ئىشتابى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئۇرۇش دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە، ئالدىنقى سەپ رايونىدا 35 قېتىم ئۇرۇش بولغان. ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ خادىملىرى ۋە قورال-ياراغلىرى مەركەزلەشكەن رايونغا سەككىز قېتىم زەربە بەرگەن، رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىغا ئالتە قېتىم زەربە بېرىپ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر قوماندانلىق ئورنىنى ۋەيران قىلغان. ئۇكرائىنانىڭ مىناميوت ۋە توپچى قىسمى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىككى قوماندانلىق ئورنى، ئۈچ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، توققۇز زەمبىرەك، تۆت ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق نىشانلارنى پاچاقلاپ تاشلىغان. ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرىنىڭ 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمى شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ باياناتچىسى چېلېۋادى شۇ كۈنى ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمىنىڭ دونېتسىك رايونىدىكى باخمۇتتا ئامېرىكا تەمىنلىگەن دەستىلىك بومبىنى ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن