ياۋروپا ساياھەتچىلىكى سىجىل ئەسلىگە كەلدى
ياۋروپا ساياھەت كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان 2023-يىلى 2-پەسىللىك «ياۋروپا ساياھەتچىلىكى: يۈزلىنىش ۋە ئىستىقبال» دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىستېمال ئېھتىياجى ئاشقاچقا، ياۋروپا ساياھەتچىلىكى بۇ يىل 2-پەسىلدە داۋاملىق جانلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلىغان، خەلقئارا ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىنىڭ %95 ئىگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تۆتتىن بىر قىسىم ساياھەت مەنزىلگاھى كۈتۈۋالغان چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى يۇقۇمدىن بۇرۇنقى سەۋىيەدىن ئېشىپ كەتكەن. دۇنيا ساياھەت ۋە ساياھەت كېڭىشى يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل ياۋروپا ئىتتىپاقى ساياھەتچىلىكىنىڭ 2019-يىلىدىكى سەۋىيەنىڭ %98 گە يېتىشىدىن ئۈمىد بار بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە يېڭىدىن 687 مىڭ ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىلىدىكەن، ساياھەت كىرىمى 1 تىرىليون 440 مىليارد ياۋروغا يېتىدىكەن.
ساياھەتچىلىك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم كەسپى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن ئىلگىرى، ساياھەتچىلىكنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە قوشقان تۆھپىسى %10 كە يېقىنلىشىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ %12كە يېقىن ئىش ئورنىنى ياراتقان.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، فىرانسىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى ساياھەت مەنزىلگاھلىرىنىڭ بازىرى كۆرۈنەرلىك جانلاندى. ياۋروپا ساياھەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى مىگېل سانس: ياۋروپا ساياھەتچىلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، دەپ قارىدى، ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ساياھەت مەنزىلگاھلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ قايتىپ كېلىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ياخشى تەييارلىق قىلىشى كېرەك، دەپ تەكلىپ بەردى.
دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، 2020-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە، يەر شارىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ساياھەت ئىستېمال ئومۇمىي سوممىسى ھەر يىلى %9.72لىك ئېشىش نىسبىتى بىلەن تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، ئاز دېگەندە 235 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشىدىكەن. ياۋروپا ئاخبارات ئىستانسىسى ئېلان قىلغان 2023-يىللىق ساياھەت يۈزلىنىشى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەبىئەتكە يېقىنلىشىش، تۆۋەن كاربونلۇق سەپەرگە چىقىش، پەن-تېخنىكا تەسىراتى، مەدەنىيەت ساياھىتى بۇ يىللىق ساياھەت يۈزلىنىشى بولۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ساياھەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇش ۋە ھەرىكەت شەكىللەنمەكتە ئىكەن.
شىۋېيتسارىيەنىڭ ۋالاي ئىشتاتىدا ئالپىس تېغى ئېتىكىدىكى تاغ ئارىسىدىكى كىچىك ئۆيلەر ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلمەكتە. ئەسلىدە ساياھەتچىلەر تېخىمۇ ياقتۇرىدىغان بۇ كىچىك ئۆيلەرنىڭ زاكاز قىلىنىش مىقدارى ھازىر تېز ئاشتى. تېخىمۇ كۆپ ئادەتتىكى ساياھەتچىلەر تەبىئەتكە يېقىن تاغ ئارىسىدىكى كىچىك ئۆيلىرىنى تاللىدى.
ساياھەتچىلەر گوللاندىيەنىڭ ئامىستېردامدا مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ساياھىتىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، ياۋروپانىڭ شىمالىي دېڭىز لىنىيەسىنى بويلاپ 300 كىلومېتىرغا يېقىن يول يۈرۈپ، بېلگىيەنىڭ ساياھەت رايونى برۇژغا كېلىپ، شۇ جاينىڭ پىۋىسى ۋە شاكىلاتىنى تېتىپ باقتى ... تۆۋەن كاربونلۇق، مۇھىت ئاسرايدىغان يېنىك ۋېلىسىپىت مىنىش نۆۋەتتىكى ياۋروپا ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئالاقىدار سۇپىلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا، ۋېلىسىپىت مىنىپ ساياھەتكە چىقىش مىقدارى %150 ئاشقان.
ئېكولوگىيەلىك ئېكسپېدىتسىيە ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ساياھەتكە كۆڭۈل بۆلگەن Exodus ساياھەت كوپىراتىپى ئىتالىيەنىڭ پىيادە ساياھەت لىنىيەسىنى ئېچىپ، ئاساسلىقى ئاپېننىن تاغ تىزمىسىدىكى ياۋايى رايونلارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ئۈستىدە ئىزدەندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ساياھەت مەھسۇلاتىنىڭ پايدىسىنىڭ ھەممىسىنى ياۋروپا قايتا ياۋايىلاشتۇرۇش پەن تەتقىقات تۈرىگە ئىئانە قىلىپ، بازارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. گېرمانىيە دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چەتئەللەردە تونۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، مول ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ساياھەت مەنزىلى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
نۆۋەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى سانلىق مەلۇماتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك ھەل قىلىش لايىھەسىنى قوللىنىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، ساياھەتچىلىكنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاۋاتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ساياھەت مۇۋەپپەقىيەتلىك مىساللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ يېشىل تىپىنى ئۆزگەرتىشكە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈردى. ئىمكانىيەتلىك سىجىل ساياھەت بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېچىۋېتىلگەن 2 تۈركۈمدىكى «ياۋروپا شەھەر تەشەببۇسى»تۈرىنى توپلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. تاللانغان تۈر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ. سانسىز: ساياھەتچىلىك بىر خىل ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل كۈچكە ئايلىنالايدۇ ھەم ئايلىنىشى كېرەك، دېدى.
گەرچە ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ساياھەتچىلىكىنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك بولغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى تەھلىلچىلەر پۇل پاخاللىقى مەسىلىسى، ناچار ھاۋا رايى، كەسىپكارلار كەمچىل بولۇش قاتارلىق ئامىللار يەنىلا ياۋروپا ساياھەتچىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ قارىدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئەنگلىيەلىك ئىقتىسادشۇناسلار ئاقىللار ئامبىرى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياۋروپا رايونىدا كۆرۈلگەن ئىنتايىن ناچار ھاۋا رايى، مەسىلەن، ئۇزاق ۋاقىت يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قۇرغاقچىلىق ۋە كەلكۈن يامراپ كېتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا خەۋپ ئېلىپ كەلدى.
خىرىس ئالدىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى زۇلاب پولولىككاشۋىلى مۇنداق دەپ قارىدى: ياۋروپا ساياھەتچىلىكى ھازىر ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، كەسىپكارلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش، ساياھەت ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ياۋروپا ساياھەتچىلىكىنىڭ تېخىمۇ ئەۋرىشىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ۋە سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا