رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قىلىش غەرىزىنى بىتچىت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇكرائىنا كىيېۋنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن پايدىلىنىپ موسكۋا شەھىرىدىكى ئەسلىھەلەرگە تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلماقچى بولغاندا، رۇسىيەنىڭ ئېلېكتىرون ئۇرۇش سىستېمىسىنىڭ تەسىرىدە، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان موسكۋانىڭ غەربىدىكى ئورمانلىققا چۈشۈپ كەتتى. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ 8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كىيېۋ ئوبلاستى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، كىيېۋ شەھەر رايونىدا پارتلىغان ئاۋاز ئاڭلانغان، ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە ئەسلىھەلەرنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.
تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن