ياپونىيەدىكى ھەر ساھە ئەربابلىرى: تارىخقا توغرا قاراپ، جىنايى قىلمىش ئۈستىدە قايتا ئويلانغاندىلا، ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە دوستلۇق مۇناسىۋەت بەرپا قىلغىلى بولىدۇ
بۇ يىل ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ 78 يىللىقى، ياپونىيە ئوڭ قانات كۈچلىرى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇش جىنايىتىنى ئىنكار قىلىپ، سۇسلاشتۇرۇپ كەلدى. بۇنىڭغا قارىتا، ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئەربابلار مۇنداق دېدى: تارىخقا توغرا قاراپ، جىنايەت ئۈستىدە قايتا ئويلانغاندىلا، ئاندىن ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە دوستلۇق مۇناسىۋەت بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. ياپونىيە سودا ساھەسىدىكى ئەرباب ئوگۇرىزى: بۇ تارىخنى ئېتىراپ قىلماسلىق ياپونىيەلىكلەر ئۈچۈن نومۇس،دېدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت