2023-يىللىق دۇنيا ماشىنا ئادەم يىغىنىدا دۇنيادىكى نۇرغۇن يېڭى مەھسۇلاتلار تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ماشىنا ئادەم كەسپىنىڭ ئېشىشى تېز بولدى
2023-يىللىق دۇنيا ماشىنا ئادەم يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان 60 خىل يېڭى مەھسۇلات كۆرگەزمە مەيدانىدا مەركەزلىك ئېلان قىلىندى، سانى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ بولدى.
يېڭى تىپتىكى ئەۋرىشىم ماتېرىيالدىن ياسالغان بىيونىكىلىق بىلەك، تۇنجى يىلانسىمان بىلەك يەككە تۆشۈكلۈك بوشلۇق ئەينىكى ئوپېراتسىيە ماشىنا ئادىمى قاتارلىقلار، ھالقىلىق زاپچاس ۋە كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ساھەسىدە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ماشىنا ئادەمنىڭ يادرولۇق تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي كۈچىدە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. «ماشىنا ئادەم +»نىڭ ياساش كەسپى، يېزا ئىگىلىكى، سودا ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ئون چوڭ ساھەدە قوللىنىشىمۇ كۈنسېرى موللاشتى. يىغىندا يەنە ماشىنا ئادەم كەسپى تەرەققىياتىنىڭ كۆپ تۈرلۈك يېڭى تەدبىرلىرى ئېلان قىلىندى. بېيجىڭ شەھىرى 10 مىليارد يۈەن كۆلەمدىكى ماشىنا ئادەم كەسپى فوندى تەسىس قىلىپ، ماشىنا ئادەمنىڭ «تۈرلۈك ساھە»دە ئۈلگە كۆرسىتىپ قوللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن