كورېيە خەلق ئاممىسى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ياپونىيەنىڭ يادرودىن بۇلغانغان سۇنى دېڭىزغا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى
كورېيە مۇھىت شەھەر ئاھالىسى تەشكىلاتى «ياپونىيەنىڭ يادرودىن بۇلغانغان سۇنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشىنى توسۇش ئورتاق ھەرىكىتى»، ئورتاق دېموكراتلار پارتىيەسى، ئالغا پارتىيەسى، ھەققانىيەت پارتىيەسى قاتارلىق سىياسىي ساھەدىكى زاتلار ۋە ئاددىي خەلق ئاممىسى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن سېئۇل شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان شىزۇڭ يولىغا يىغىلىپ، «فۇكۇشىمادىكى يادرودىن بۇلغانغان سۇنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشكە قارشى تۇرۇش ئومۇمىي خەلق يىغىنى» ئۆتكۈزدى.
يىغىلىشقا قاتناشقان كىشىلەر ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە توكيو ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ 8-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكى يادرودىن بۇلغانغان سۇنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش ئىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
كورېيە ئورتاق دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى لى زەيمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيەنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يادرودىن بۇلغانغان سۇنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىك.
يىغىنغا قاتناشقان ئەربابلار ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى يادرودىن بۇلغانغان سۇنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشنى دەرھال توختىتىشقا دەۋەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كورېيە ھۆكۈمىتىنى دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ، ياپونىيەنىڭ يادرودىن بۇلغانغان سۇنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشىنى توسۇپ، كورېيە خەلقىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا دەۋەت قىلدى. يەنە نۇرغۇن خەلق ئاممىسى كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، ياپونىيەنىڭ يادرودىن بۇلغانغان سۇنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشىگە يول قويغانلىقىدىن ئىنتايىن نارازى بولدى.
بۇنىڭدىن باشقا، كورېيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى پۇسان، چۇەنلونامدو، كيوڭجۇ قاتارلىق كورېيەنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە كەڭ كۆلەملىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈلۈپ، ياپونىيەنىڭ يادرودىن بۇلغانغان سۇنى دېڭىزغا قويۇپ بەرگەنلىكى ئەيىبلەندى. پۇساندا مىڭدىن ئارتۇق پۇسان شەھەر ئاھالىسى پۇسان ۋوگزالى مەيدانى ئالدىغا يىغىلىپ، ياپونىيەدىن يادرودىن بۇلغانغان سۇنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش قارارىنى تېزدىن قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كورېيە ھۆكۈمىتىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن يادرودىن بۇلغانغان سۇنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشنى توختىتىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىشقا دەۋەت قىلدى. يىغىلىشقا قاتناشقان خەلق ئاممىسىمۇ ئارقىدىن نامايىش قىلىپ، پۇسان ۋوگزالى مەيدانىدىن ياپونىيەنىڭ پۇساندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغىچە باردى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا