ياپونىيەدىكى بۇ تەشكىلات فۇكۇشىما يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشنى دەرھال توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى
ياپونىيە مۇھىت ئىجتىمائىي ئاپەت كېسەللىكى مىناماتا كېسىلى زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار تەشكىلاتى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، فۇكۇشىما ئارىلىدىكى يادور بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشنى دەرھال توختىتىپ، مىناماتا كېسىلى تارىخىنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىدىن ساقلىنىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-، 60-يىللىرىدا خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرى يىل بويى دەرياغا سىماب تەركىبلىك كېرەكسىز سۇ قويۇپ بەرگەچكە، ياپونىيەنىڭ قىسمەن رايونلىرىدىكى ئاھالىلەر سىمابتىن زەھەرلەنگەن، بۇ مىناماتا كېسىلى دەپ ئاتالغان.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل