پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك توقۇنۇشىدا ئىككى تەرەپتىن 1000 دىن كۆپرەك ئادەم قازا قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەت ئىككى تەرەپنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا مۇراجىئەت قىلدى
پەلەستىن سەھىيە تارماقلىرى شۇ يەر ۋاقتى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك 413 ئادەم قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 78 بالا ۋە 41 ئايال بار ئىكەن. ھاۋا ھۇجۇمىدا يەنە 2300 ئادەم يارىلانغان. بۇنىڭدىن باشقا، پەلەستىننىڭ سەھىيە تارمىقى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمانى سەۋەبلىك غەززە رايونىدىكى 20 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلدى، دېدى.
ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ شۇ كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك توقۇنۇشىدا ئىسرائىلىيەدە قازا قىلغانلار 700 دىن ئاشقان. ئىسرائىلىيە داۋالاش تارماقلىرى شۇ كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: توقۇنۇشتا 2200 ئىسرائىلىيەلىك يارىلانغان. باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، غەززە رايونىغا تۇتقۇن قىلىنغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ۋە پۇقرالىرى يۈزدىن ئاشقان.
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، 10-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە ئىسرائىلىيە خەپسىزلىك كابىنېتى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى «ئۇرۇش ۋەزىيىتى» دەپ بېكىتتى، دېدى. ئىسرائىلىيە «زېمىن گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالاقىدار قارار باياناتى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىسرائىلىيە پارلامېنتى دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلىدىكەن، كېيىن ئىسرائىلىيە زۇڭلىسىدىن پارلامېنتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا قارارنى جاكارلىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.
10-ئاينىڭ 8-كۈنى، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك توقۇنۇشىنىڭ رايون سىرتىغا يامىراش تەسىرى نامايان بولدى. لىۋان تەرەپ شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلىۋالغان سابائا دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بازىسىغا راكېتامېيۇت ۋە زەمبىرەك ئاتتۇق دېدى. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ توپچى قىسىمى لىۋان چېگراسى ئىچىدىكى زەمبىرەك ھۇجۇمى كەلگەن رايونغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، دېدى.
خەلقئارا جەمئىيەت پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، دەرھال ئۇرۇش توختىتىپ، پۇقرالارنى قوغداپ، ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت