چاۋشيەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يادرو قورالى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى قېتىم كورېيەگە قونغانلىقىنى ئەيىبلىدى
چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يادرو قورالى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان B-52H تىپلىق «ئىزوتېرمال قاتلام قورغىنى» ناملىق ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى قېتىم كورېيەگە قونغانلىقىنى ئەيىبلىدى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چاۋشيەنگە ئالدىن زەربە بېرىدىغان سۆزلەرنى ئېلان قىلغانلىقىنى سۆكۈپ، بۇ «ئامېرىكىنىڭ ئىچكى-تاشقى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن قەستەن قوزغىغان يادرو ئۇرۇشى ئىغۋاگەرچىلىكى» دەپ قارىدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل