پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك توقۇنۇشىدا ئىككى تەرەپتىن 5600دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى
پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا پەلەستىن تەرەپتىن 4218 ئادەم قازا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە غەززە رايونىدا قازا قىلغانلار 4137، يارىلانغانلار 12 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 81 ئادەم قازا قىلدى، 1400 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. ئىسرائىلىيە سەھىيە تارماقلىرى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى توقۇنۇشتا ئىسرائىلىيەدە 4834 ئادەم يارىلاندى، 1400دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىك ۋە چەتئەللىك قازا قىلدى، دېدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى يىغىنىدا غەززە رايونىدىكى ئۇرۇش پىلانى ۋە نىشانىنى شەرھلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە خاماسنىڭ ھەربىي كۈچىنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق، بۇ تەشكىلاتنى تەلتۆكۈس يوقىتىشنى ھەمدە غەززە رايونىدا يېڭى بىر «بىخەتەرلىك ھاكىمىيىتى» قۇرۇشنى پىلانلىدى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت