پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ نۆۋەتلىك توقۇنۇشىدا ئىككى تەرەپتىن 6500دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى
پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ نۆۋەتلىك توقۇنۇشىدا ئىككى تەرەپتىن 6500دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جىددىي ئالاھىدە يىغىن ئېچىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ
پەلەستىن سەھىيە تارماقلىرىنىڭ 10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا پەلەستىنلىك 5182 ئادەم قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە غەززە رايونىدا 5087 ئادەم قازا قىلغان، 15 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان؛ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 95 ئادەم قازا قىلىپ، 1800دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى «يېرۇسالېم پوچتا گېزىتى»نىڭ ئىسرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيەدە 1400دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىك ۋە چەتئەللىك قازا قىلغان. ھازىرغىچە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قېتىمقى توقۇنۇشىدا ئىككى تەرەپتىن 6500 ئادەم قازا قىلدى.
مىسىر «ئەلېھرام گېزىتى»نىڭ مىسىر قىزىل يېڭى ئاي جەمئىيىتىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، ياردەم ماددىي ئەشيالىرى بېسىلغان 55 يۈك ئاپتوموبىلى رافا چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق غەززە رايونىغا كىرگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن 10-ئاينىڭ 23-كۈنى پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس بىلەن پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا تېلېفونلاشتى. پەلەستىن ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ سىياسىي ۋاسىتە ئارقىلىق، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» ئاساسىدا، مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇپ، ئاخىرىدا بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىردەك قوشۇلغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى رەئىس ئىشخانىسى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 78-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى فرانسىسنىڭ 10-ئاينىڭ 26- كۈنى 10-قېتىملىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ جىددىي ئالاھىدە يىغىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى رەت قىلىش توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشى كېرەك.
تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن