رۇسىيە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بىر ھاۋا ئارمىيە قورال- ياراغ، ئوق-دورا ئامبىرىنى ۋەيران قىلدى
ئىستانسىمىز خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۇرۇش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بىر ھاۋا ئارمىيە قورال-ياراغ، ئوق-دورا ئىسكىلاتىنى ۋەيران قىلغانلىقى ھەم ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بىر قانچە قوماندانلىق ئىشتابىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمى باش ئىشتابى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كۆپ يۆنىلىشتىكى ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى دېدى. بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيە ئارمىيەسى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇكرائىنا ئارمىيەسى قويۇپ بەرگەن «بوران كۆلەڭگىسى» ناملىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن سەككىزنى ئېتىپ چۈشۈردى دېدى، ئۇكرائىنا بۇنىڭغا ۋاقتىنچە ئىنكاس قايتۇرمىدى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا