پۇتىن قانۇن ئىمزالاپ «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇردى
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 11-ئاينىڭ 2-كۈنى قانۇن ئىمزالاپ، «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇردى. رۇسىيە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رۇسىيەنىڭ قانۇن تۈزۈپ «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى يادرو ھەربىي كونترول قىلىش ساھەسىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەجبۇرىيىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف بۇنىڭدىن ئىلگىرى «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش رۇسىيەنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، دېگەن ئىدى.
تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن