ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەر يۈزى قىسمىنىڭ غەززە شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ بولغانلىقىنى ئېيتتى
ئىستانسىمىز خەۋىرى: ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى دانىئېل خېگرىي 11-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئىسرائىلىيە يەر يۈزى قىسمىنىڭ غەززە شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسى توغرىسىدا سوئال سورالغاندا، خېگرىي «ئۇرۇش توختىتىش» دېگەن سۆز ھازىر مۇزاكىرە قىلىش دائىرىسىدە ئەمەس، دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈنئىي ئىس تۈتەك قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى ھىمايە قىلغان ھەمدە دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋادىن ماسلىشىپ ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق غەززە رايونىدىكى پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماس قوراللىق كۈچلىرىگە داۋاملىق زەربە بەرگەن. ھەربىي زەربە بېرىش سالمىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، غەززە رايونىدىكى ئۆلگەن، يارىلانغانلارنىڭ سانىمۇ داۋاملىق ئاشقان.
پەلەستىن قىزىل يېڭى ئاي جەمئىيىتى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە، شۇ كۈنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرى قاچىلانغان 102 يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ رافا چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق غەززە رايونىغا كىرگەنلىكىنى، ئاپتوموبىللارغا يېمەكلىك، سۇ، دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ئەشيالارنىڭ قاچىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ تەشكىلات مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىرغىچە، ياردەم بېرىلگەن ماددىي ئەشيالار قاچىلانغان 374 يۈك ئاپتوموبىلى غەززە رايونىغا كىردى، بىراق ياردەم بېرىلگەن ماددىي ئەشيالار ئىچىدە يەنىلا يېقىلغۇ يوق.
بەھرەين پارلامېنتى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى بەھرەيىننىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادى مۇناسىۋەتنى توختىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. بەھرەين پارلامېنتى ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ قايتا قايتا ئەۋجىگە چىقىشى ھەمدە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىنى كۆزگە ئىلماسلىق قىلمىشى بەھرەين پارلامېنتىنىڭ تەدبىر قوللىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل