ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا ئىككى تەرەپتىن ئاز دېگەندە 11 مىڭ 891 ئادەم قازا قىلدى، غەززە رايونىدىكى 14 مىڭدىن ئارتۇق نىشان زەربىگە ئۇچرىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-08 09:42

پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشى يەنىلا داۋاملاشماقتا. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىدا 14 مىڭدىن ئارتۇق نىشانغا ھۇجۇم قىلىپ، 100دىن ئارتۇق يەر ئاستى يولىنىڭ كىرىش ئېغىزىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ھەمدە خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئۇل ئەسلىھەلەرگە يوشۇرۇپ قويۇلغان 4 مىڭ قورالنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە راكىتا بومبىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. پەلەستىننىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك توقۇنۇش پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا 30 مىڭ توننىدىن ئارتۇق پارتلاتقۇچ دورا تاشلىغان، ھازىرغىچە غەززە رايونىدىكى 40 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق تۇرالغۇ ئۆي تەلتۆكۈس ۋەيران بولغان.

خاماسقا قاراشلىق قوراللىق گۇرۇھ قاسسام لۈيى شۇ كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ نەچچە ئون مىناميوت ئوقى بىلەن غەززە شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۆتكەن 24 سائەتتە ئىسرائىلىيەنىڭ 15 ھەربىي ئاپتوموبىلىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېيتتى. 11-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 21 ئەتراپىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ تېلئاۋىۋ ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇرغۇن جايلاردا يەنە بىر قېتىم ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى چېلىندى، قاسسام لۈيى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

نۆۋەتتە بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا ئاز دېگەندىمۇ 11 مىڭ 891 ئادەم قازا قىلدى.

تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا ئىككى تەرەپتىن ئاز دېگەندە 11 مىڭ 891 ئادەم قازا قىلدى، غەززە رايونىدىكى 14 مىڭدىن ئارتۇق نىشان زەربىگە ئۇچرىدى

پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشى يەنىلا داۋاملاشماقتا. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىدا 14 مىڭدىن ئارتۇق نىشانغا ھۇجۇم قىلىپ،