6-نۆۋەتلىك ئىمپورت يەرمەنكىسىدە 600گە يېقىن ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالاندى
6-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى مۇقىم، ئوڭۇشلۇق بولماقتا. ھازىرغا قەدەر، مەركەز كارخانىلىرى سودا ئۆمىكى، سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى سودا ئۆمىكى، ئالاقىدار يەرلىك سودا ئۆمەكلىرى 85 مەيدان مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 600گە يېقىن ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى.
بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ دۆلەت سارىيىدا كۆرگەزمىگە قاتناشقان 72 قاتناشقۇچى ئېسىل ماللىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەۋزەل كەسىپلىرى ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى جانلىق نامايان قىلدى. جۇڭگو سارىيى ناھايىتى ئېسىل بولۇپ، شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۆلچەمگە سېلىشتۇرۇش تەدبىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ياسالغان ماتورنى كۆرگىلى ھەم دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى چوڭ تىپتىكى پوچتا پاراخوتىنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ. كارخانا كۆرگەزمىسىدە دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان، ئاسىيا بويىچە تۇنجى كۆرگەزمە قىلىنغان، جۇڭگو بويىچە تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مۇلازىمەتلەر قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ فۇشۆ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىش تېخىمۇ زىچ بولدى، ھازىرغا قەدەر، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىش مەخسۇس رايونىدا 49 مەيدان ئېلان قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان 42 سودىگەر دۇنيا بويىچە تۇنجى تارقىتىلغان، ئاسىيادا تۇنجى كۆرگەزمە قىلىنغان، جۇڭگودا تۇنجى كۆرگەزمە قىلىنغان يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مۇلازىمەتنى كۆرگەزمە قىلىپ، جۇڭگو چوڭ بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە پۇرسىتىنى ھېس قىلدى.
بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە 11-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە سىياسەت چۈشەندۈرۈش، كېلىشىم ئىمزالاش، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق يەتتە چوڭ تۈر بويىچە 95 مەيدان يۈرۈشلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سانائەت ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى، خەلقئارا سودا مەركىزى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار كۆپ مەيدان خەلقئارالىق مۇنبەر ئۆتكۈزدى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار سىياسەت چۈشەندۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىپ ئېلان قىلىش تۈرىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، يەرمەنكىدە پۈتۈشۈش، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش ۋە كەسىپ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ليۇ فۇشۆ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە 60 مەيدان مەخسۇس رايون، بۆلەكلەرگە بۆلۈنگەن كەسىپلەر بويىچە مەخسۇس ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، 226 سودىگەر، 345 سېتىۋېلىش سودىگىرى قاتنىشىپ، 137 تۈردە ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدى. كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر ئىتتىپاقى يىغىنى ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى، 140 قا يېقىن سودىگەر ۋەكىلى يىغىنغا قاتناشتى، 60 نەچچە كارخانا ۋە ئاپپارات نەق مەيداندا كېلىشىم ئىمزالاپ، 7-نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى كۆرگەزمە ئورنىنى ئالدىن بېكىتتى، كېلىشىم ئىمزالاش كۆلىمى 40 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشتى.
تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن