ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 2023-يىللىق ئىتتىپاققا كىرىش يىللىق باھالاش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 2023-يىللىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش يىللىق باھالاش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن مولدوۋانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش سۆھبىتىنى باشلىشىنى تەۋسىيە قىلدى. 2022-يىلى 6-ئايدا ئىككى دۆلەت ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نامزاتى بولغان. ئىتتىپاققا كىرىش سۆھبىتىنى رەسمىي باشلاشتىن بۇرۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يەنە بەزى تەرتىپلەردىن ئۆتۈشى كېرەك. ئىتتىپاققا كىرىش سۆھبىتى ئادەتتە نەچچە يىلغا سوزۇلىدۇ.
تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن