ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ھۇجۇم قىلدى، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-21 16:18

پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈنى غەززە رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان ھىندونېزىيە دوختۇرخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئاز دېگەندىمۇ 12 ئادەمنىڭ قازا قىلىشى، نەچچە ئون ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېيتتى. ھازىر بۇ دوختۇرخانا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان، دوختۇرخانىدا نەچچە مىڭ ئۆي-ماكانسىز قالغان ئادەم ھەمدە 700 داۋالاش خادىمى ۋە يارىدار بار ئىكەن.

پەلەستىن ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ئايروپىلانى غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بۇرەيجى مۇساپىرلار لاگېرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىن شەرق قۇتقۇزۇش قۇرۇلۇش باشقارمىسىغا قاراشلىق بىر مەكتەپنى بومباردىمان قىلىپ، ئاز دېگەندىمۇ 12 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى، ئۇندىن باشقا نەچچە ئون ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ مەكتەپتە نۇرغۇن سەرگەردانلار بار ئىكەن.

«ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تېل ئاۋىۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونىدا 11-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى بېرىلگەن، بۇ رايونلار نۇرغۇن راكېتا بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ھازىرغىچە ئىسرائىلىيە ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى توغرىسىدا ۋاقتىنچە دوكلات ئېلان قىلمىدى. خاماس قارمىقىدىكى قوراللىق گۇرۇھ قاسسام لۈيى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: غەززە رايونىدىكى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 61 كىشى ۋە ئۇلارنىڭ 49 ئۇرۇق-تۇغقىنى شۇ كۈنى ئايروپىلان بىلەن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە كەلدى، بۇ بىمارلار تۈركىيەدە داۋاملىق داۋالىنىدۇ. ھازىرغىچە، تۈركىيە غەززە رايونىدىن كەلگەن 88 بىمارنى قوبۇل قىلدى.

قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى ھىندونېزىيە دوختۇرخانىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ھەمدە ئۆلۈم يىتىم پەيدا قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. قاتار يەنە بىر خەلقئارا كومىتېت قۇرۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى دوختۇرخانا، مەكتەپ قاتارلىق خەلق ئەسلىھەلىرىگە ئۇدا ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.

تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ھۇجۇم قىلدى، دېدى

پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈنى غەززە رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان ھىندونېزىيە دوختۇرخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ