ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە تۇنجى تۈركۈمدىكى خاماس تەرىپىدىن قۇيۇپ بېرىلگەن تۇتقۇنلارنى قۇبۇل قىلدى ھەمدە 39 پەلەستىنلىك تۇتقۇننى قۇيۇپ بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-25 16:01

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى 11-ئاينىڭ 24-كۇنى ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، شۇ كۈنى پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) قويۇپ بەرگەن 13 ئىسرائىلىيەلىك ئايال ۋە بالا ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىسرائىلىيەگە قايتۇرۇپ كېلىندى دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان لايىھەسىگە قارىغاندا، بۇ 13 كىشى ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈلىدۇ، ئارقىدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ كۆزىتىلىدۇ ياكى داۋالىنىدۇ ھەمدە ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولىدۇ.

پەلەستىنلىك خەۋەردار ئەربابنىڭ 11-ئاينىڭ 24-كۇنى كەچتە دېيىشىچە: ئىسرائىلىيە شۇ كۈنى كەچتە تۇتقۇن قىلغان 39 پەلەستىنلىكنى قويۇپ بەرگەن، ھازىر بۇ كىشىلەر ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئوفىر تۈرمىسىدىن ئايرىلغان. پەلەستىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ 39 كىشى 24 ئايال ۋە 15 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلار ئاساسلىقى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي ئېروسالىم رايونىدىن كەلگەن.

قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ24-كۇنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: قاتار قىزىل كىرىست خەلقئارا كومىتېتىنىڭ غەززە رايونىدا ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 پۇقرانى قوبۇل قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. بۇلار 13 ئىسرائىلىيە پۇقراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە، ھەمدە 10 تايلاند پۇقراسى ۋە بىر فىلىپپىن پۇقراسى بار.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش نازارىتى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى توشۇيدىغان 200 يۈك ماشىنىسى رافا چېگرا ئېغىزىغا ئەۋەتىلدى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىن شەرق پەلەستىن مۇساپىرلارنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسى 137 ماشىنا ماددىي بويۇمنى تاپشۇرۇۋالدى، بۇ پەلەستىن ئىسرائىلىيە يېڭى بىر نۆۋەتلىك توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان غەززە رايونى تاپشۇرۇۋالغان ئەڭ كۆپ قۇتقۇزۇش بويۇمى بولۇپ. بۇنىڭدىن باشقا، 129 مىڭ لىتىر يېقىلغۇ ۋە تۆت ماشىنا تەبىئىي گازىمۇ شۇ كۈنى غەززا رايونىغا كىرگەن، 21 ئېغىر بىمار غەززا رايونىنىڭ شىمالىدىن چېكىندۈرۈلگەن.

تەرجىمان: ئىلدوس ياسىن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە تۇنجى تۈركۈمدىكى خاماس تەرىپىدىن قۇيۇپ بېرىلگەن تۇتقۇنلارنى قۇبۇل قىلدى ھەمدە 39 پەلەستىنلىك تۇتقۇننى قۇيۇپ بەردى

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى 11-ئاينىڭ 24-كۇنى ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، شۇ كۈنى پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) قويۇپ بەرگەن 13 ئىسرائىلىيەلىك ئايال ۋە بالا ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىسرائىلىيەگە قايتۇرۇپ كېلىندى دېدى.