ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىدىكى سېتىۋېلىش پەسلى قىزغىنلىقى پارچە سېتىش كەسپى كاساتلىقنى پەسەيتەلمەيدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-01 10:09

پۇل پاخاللىقى ئېغىرلاشقان پەيتتە، ئامېرىكا يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان «قارا جۈمە» مال سېتىۋېلىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى. «قارا جۈمە» ھەر يىلى مىننەتدارلىق بايرىمىدىن كېيىنكى تۇنجى جۈمە كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. ھەر يىلى «قارا جۈمە»دە، ئامېرىكىدىكى سودا سارايلار ئادەم بىلەن توشۇپ كېتەتتى. بۇ يىل ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان مال باھاسىغا قارىتا، ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرى «قارا جۈمە» مەزگىلىدە «ئىستېمالنى تۆۋەنلىتىش»، ئەرزان باھالىق ماللارنى سېتىۋېلىش ۋە ياكى مال سېتىۋېلىشتىن ۋاز كېچىشكە تېخىمۇ مايىل بولدى. نۇرغۇن سودىگەرلەر ئىستېمالچىلارنىڭ مال سېتىۋېلىش خاھىشىنى ئالدىن بايقاپ، باھانى تېخىمۇ تۆۋەن چۈشۈرۈپ ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، «قارا جۈمە»دە مال سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى ئامېرىكا ئىستېمال بازىرىنىڭ كاساتلىشىش رېئاللىقىنى ئۆزگەرتەلمىدى.

ئامېرىكا پارچە سېتىش بىرلەشمىسى (NRF) نىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل ئامېرىكىدا «قارا جۈمە» دە، 182 مىليون ئادەم مال سېتىۋالىدىغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 16 مىليون ئادەم كۆپەيگەن، بۇ ھەم 2017-يىلى بۇ تۈردىكى سانلىق مەلۇماتلار ئىستاتىستىكىسىغا قىلىنغاندىن بۇيان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ يىل ئامېرىكا بويىچە «قارا جۈمە» مال سېتىۋېلىش پەسلىدىكى ئىستېمال سوممىسى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن. سانلىق مەلۇمات ئانالىز سۇپىسى Adobe Analyticsنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا قارىغاندا، «قارا جۈمە» مەزگىلىدە، ئامېرىكىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سېتىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئېشىپ، 9 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ رېكورت يارىتىلغان.

باھانى چۈشۈرۈش سالمىقىنىڭ چوڭ بولۇشى ئىستېمالچىلارنىڭ كۆپىيىشىدىكى مۇھىم سەۋەب. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 10-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ كىيىم-كېچەك، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، كومپيۇتېر قاتارلىق تۈردىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىشنى تېزلىتىشتىكى ئېتىبار باھاسى 2021-يىلى ۋە 2022-يىلىدىكىدىن كۆپ تۆۋەن بولغان. مەسىلەن، توردا سېتىلىدىغان كىيىم-كېچەكلەرنىڭ باھاسى 10-ئاينىڭ بېشىدىكىدىن %9 تۆۋەنلىگەن، لېكىن 2021-يىلى ۋە 2022-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە ئايرىم ھالدا %2 ۋە %5 تۆۋەنلىگەن. تېلېۋىزورنىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈش نىسبىتىمۇ %10تىن %24كە ئۆرلىگەن. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئامېرىكىدا بۇ يىل يىل ئاخىرىدىكى مال سېتىۋېلىش پەسلىدە باھانىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈشى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى يارىتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، «ئاۋۋال سېتىۋېلىپ ئاندىن تۆلەش» قاتارلىق ئىستېمال پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىمۇ «قارا جۈمە»دىكى ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، باھانى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش پۇل پاخاللىقىنىڭ ئىستېمالغا بولغان پايدىسىز تەسىرىنى بەلگىلىك دەرىجىدە پەسەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ «ئەكس تەسىرى»مۇ ناھايىتى روشەن بولدى، مەسىلەن، ئىستېمالچىلارنىڭ نورمال باھانى قوبۇل قىلىش دەرىجىسىنى ئاجىزلاشتۇردى ھەمدە سودىگەرلەرنىڭ پايدا ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزدى. بولۇپمۇ پۇل پاخاللىقى يۇقىرى، ئىستېمال تۆۋەن بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، بۇنىڭ سەلبىي تەسىرى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 10-ئايدا ئامېرىكىنىڭ پارچە سېتىش سوممىسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.1 تۆۋەنلەپ، ئۇدا ئالتە ئاي ئېشىشقا خاتىمە بەرگەن، بۇ ئامېرىكا ئىستېمال بازىرىنىڭ پەس كويغا چۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىلقى دەم ئېلىش كۈنىدىكى ئىستېمال بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشىدىكەن. NRF نىڭ مۆلچەرىچە يىل ئاخىرىدىكى بۇ قىسقىغىنا ۋاقىتتا ئومۇمىي سېتىش سوممىسى %3تىن %4 كىچە ئېشىپ، 2022- يىلىدىكى %5.4 لىك ئېشىش نىسبىتى ۋە 2021- يىلىدىكى %12.7لىك ئېشىش نىسبىتىدىن تۆۋەن بولىدىكەن.

بۇنىڭدىن قارىغاندا، «قارا جۈمە»دىكى ئوتتەك قىزغىنلىق پەقەت مەزگىللىك بىر ھادىسە بولۇپ پارچە سېتىش كەسپىنىڭ پەسكويغا چۈشۈپ قېلىش ۋەزىيىتىنى ئ‍ۆزگەرتەلمەيدۇ.

تەرجىمان: ئىلدوس ياسىن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىدىكى سېتىۋېلىش پەسلى قىزغىنلىقى پارچە سېتىش كەسپى كاساتلىقنى پەسەيتەلمەيدۇ

پۇل پاخاللىقى ئېغىرلاشقان پەيتتە، ئامېرىكا يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان «قارا جۈمە» مال سېتىۋېلىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى.