ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھەربىي ھەرىكەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان غەززدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 178 گە يەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-02 10:17

غەززە سەھىيە تارمىقى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، شۇ كۈنى سائەت 20 گىچە غەززە رايونىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 178 گە يەتتى، يەنە 589 ئادەم يارىلاندى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار.

پەلەستىن قىزىل يېڭى ئاي جەمئىيىتى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى رافا چېگرا ئېغىزى رايونىدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇۋاتقان بارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلارغا شۇ كۈندىن باشلاپ، ياردەم ئەشيالىرىنى توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ رافا چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق مىسىر تەرەپتىن غەززە رايونىغا كىرىشى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنغىچە چەكلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى، ئىسرائىلىيە يەنە بۇ چېگرا ئېغىزىنىڭ غەززە تەرىپىدە توختىتىپ قويۇلغان ياردەم ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. باياناتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قارارى غەززە رايونىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇ جايدىكى پۇقرالار تېخىمۇ ئېغىر قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، جەنۇبىي قىسمى ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى قىسمەن رايونلاردا 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى چېلىندى. پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) قارمىقىدىكى قوراللىق گۇرۇھ قاسسام لۈسى شۇ كۈنى ئوتتۇرا قىسىم رايونىغا راكىتا بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر نەچچىسىنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى توسۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. (جېھاد) قارمىقىدىكى قوراللىق گۇرۇھ مۇقەددەس شەھەر لۈسى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە ھۆكۈمەت تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنى كەچتە ئىسرائىلىيەنىڭ تېل ئاۋىۋ قاتارلىق جايلىرىغا راكېتا بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھەربىي ھەرىكەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان غەززدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 178 گە يەتتى

ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، جەنۇبىي قىسمى ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى قىسمەن رايونلاردا 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى چېلىندى