ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئايرىم-ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ يېقىندا ئىسرائىلىيەگە قوزغىغان ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك زەربىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئىراندىكى نۇرغۇن شەخس ۋە كۆپلىگەن ئەمەلىي گەۋدىگە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 18-ئاپرېل ئايرىم-ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ يېقىندا ئىسرائىلىيەگە قوزغىغان ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك زەربىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئىراندىكى نۇرغۇن شەخس ۋە كۆپلىگەن ئەمەلىي گەۋدىگە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 18-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران ھۆكۈمىتى ۋە قوراللىق قىسمى داۋاملىق خەلقئارا قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداش بىلەن بىللە، قىلچە ئىككىلەنمەي ئىراننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.
تەرجىمان: ئىلدوس ياسىن
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى