ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى: ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى رافادا يەر يۈزى ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-26 10:50

ئىسرائىلىيەنىڭ  25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كابىنېت يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: رافاغا يەر يۈزى ھەرىكىتى قوزغاش تەييارلىقىنى قىلىپ بولدۇق. ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر رافادا يەر يۈزى ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى، لېكىن ئىجرا قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرمىدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، رافادىكى بىر مىليون ئاھالىنىڭ پۈتۈنلەي چېكىنىشىگە يەنە نەچچە ھەپتە كېتىدىكەن.
پەلەستىن خەلق مۇداپىئە تارماقلىرى 25-ئاپرېل مۇنداق دېدى: غەززە رايونىدا قالايمىقان كۆمۈۋېتىلگەن 400 گە يېقىن جەسەت تېپىلدى، نۇرغۇن جەسەتلەردە قىيناش ئىزلىرى بار، ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ غەززەگە كىرىشىگە يول قويۇپ، بۇ جىنايەتنى تەكشۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلىمىز. غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى 25-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك توقۇنۇش پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە 34 مىڭ 305 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، دېدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسرائىلىيە ئامېرىكا پارلامېنتى ئىسرائىلىيەگە زور سوممىلىق ياردەم بېرىشنى تەستىقلىغاندىن كېيىن غەززە رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ۋە توپقا تۇتۇشنى كۈچەيتتى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى: ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى رافادا يەر يۈزى ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى

ئىسرائىلىيەنىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كابىنېت يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: رافاغا يەر يۈزى ھەرىكىتى قوزغاش تەييارلىقىنى قىلىپ بولدۇق.