پارىژ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ چوغىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى ئافېنادا ئۆتكۈزۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-27 10:22
پارىژ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ چوغىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى 26-ئاپرېل ئافېنادا ئۆتكۈزۈلدى، گىرېتسىيە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى كاپرالوس چوغنى پارىژ ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئېستانگۇتقا بەردى. چوغ شۇ كۈنى كەچتە فىرانسىيەنىڭ گىرېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ساقلاندى، چوغ 27-ئاپرېل پاراخوتتا گىرېتسىيەدىن فىرانسىيەگە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل