ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە شىمالى فىلوتى ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز تەۋەلىكىدە مانېۋىر ئۆتكۈزدى، بىر ھەربىي پاراخوت ئەترىتى كۇبادا توختايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-12 15:44
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 11-ئىيۇن خەۋەر ئېلان قىلىپ، رۇسىيە شىمالى فىلوتى ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز تەۋەلىكىدە ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوراللىرىنى ئىشلىتىپ مانېۋىر ئۆتكۈزدى، دېدى. مانېۋىردا، فىلوت «قازان» ناملىق ئىستراتېگىيەلىك يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە «دېڭىز ئارمىيە مارشالى گورشكوف» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتنى ئىشقا سالدى، مانېۋىر مەزگىلىدە كومپيۇتېردا تەقلىد قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قورالى بىلەن 600 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز ئۈستىدىكى نىشانغا ھۇجۇم قىلىش مانېۋىرى ئېلىپ بېرىلدى. 
رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى 11-ئىيۇن شىمالى فىلوتىنىڭ بىر تارماق ئەترىتىنىڭ 12-ئىيۇن كۇباغا يېتىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ھەربىي پاراخوت ئەترىتى زامانىۋى قوراللار سەپلەنگەن قوغدىغۇچى پاراخوت ۋە بىر يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

    تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
   سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە شىمالى فىلوتى ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز تەۋەلىكىدە مانېۋىر ئۆتكۈزدى، بىر ھەربىي پاراخوت ئەترىتى كۇبادا توختايدۇ

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 11-ئىيۇن خەۋەر ئېلان قىلىپ، رۇسىيە شىمالى فىلوتى ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز تەۋەلىكىدە ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوراللىرىنى ئىشلىتىپ مانېۋىر ئۆتكۈزدى، دېدى.