ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىر شياۋشياۋ دەرىجىلىك ئوفىتسېرىنىڭ غەززەدە قازا قىلدى، دېدى. خاماس ئىسرائىلىيەنى سۆھبەتتىن پايدىلىنىپ ۋاقىتنى ئارقىغا سۈردى، ھەربىي ھەرىكەتنى ئۇزارتتى دەپ ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ 8-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە: ئىسرائىلىيەنىڭ بىر شياۋشياۋ دەرىجىلىك ئوفىتسېرى شۇ كۈنى ئەتىگەندە غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھەربىي ھەرىكەتتە قازا قىلدى، دېيىنلدى. ئىسرائىلىيە يەر يۈزى ھەربىي ھەرىكىتى قوزغىغاندىن بۇيان، 333 ئىسرائىلىيە ئەسكىرى قازا قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى شۇ كۈنى يەنە غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ماجاچى مۇساپىرلار لاگېرى ۋە نۇرغۇن مەھەللىلەردىكى ئاممىغا يېڭى چېكىنىش بۇيرۇقى چىقىرىپ، بۇ رايوندا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
غەززە سەھىيە تارمىقى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن 48 سائەتتە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە جەمئىي 69 كىشى قازا قىلدى، 136 كىشى يارىلاندى، دېدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە 40 مىڭ 74 پەلەستىنلىك قازا قىلدى، 92 مىڭ 537 ئادەم يارىلاندى.
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) نىڭ باياناتچىسى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: غەززەدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى توغرىسىدا، ياراشتۇرغۇچى تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئۆتكۈنچى تەكلىپ لايىھە تەشكىلاتىمىز 7-ئاينىڭ باشلىرى قوشۇلغان غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى لايىھەسىگە ماس كەلمەيدۇ. ئۇ ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ، پەقەت سۆھبەتتىن پايدىلىنىپ ۋاقىتنى ئۇزارتىپ، ساختا ئاكتىپ كەيپىيات پەيدا قىلدى ھەمدە غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەتنى داۋاملىق ئۇزارتتى، دەپ ئەيىبلىدى.
خاماسنىڭ يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ياراشتۇرۇش تەرەپنىڭ ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنى ئىلگىرى كېڭىشىپ بېكىتكەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى لايىھەسىنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇرلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قانداق كېلىشىم ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىن پۈتۈنلەي ئەسكەر چېكىندۈرۈش، غەززەنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش، تۇتۇپ قىلىنغانلارنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان بىر باياناتتا، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە «ئېھتىياتچان ھەم ئۈمىدۋار» پوزىتسىيە تۇتىمىز، دېيىلدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: قۇربانىسا جاپپار