ئامېرىكا ئىسرائىلىيە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا ئالاقىدار ئۆتكۈنچى تەكلىپنى قوبۇل قىلدى، دېدى، خاماس، ئامېرىكا سۆھبەتتە مەغلۇپ بولۇش مەسئۇلىيىتىنى باشقا ياققا بۇراشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، دېدى
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى مۇنداق دېدى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 18-، 19-ئاۋغۇست غەززەدىكى 45 نىشانغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەر يۈزى قىسمى رافا، خانيۇنۇس، دەير بەيراخ ۋە نىچارلىم ھەربىي كارىدورىدا يەر يۈزى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نەچچە ئون قوراللىق خادىمنى ئېتىپ تاشلىدى، خاماسنىڭ نۇرغۇن قورال ئامبىرىنى ۋەيران قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلىنكىن 19-ئاۋغۇست ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە تۇتۇپ قېلىنغان خادىملارنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئۆتكۈنچى تەكلىپنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. خاماس تاراتقۇ ئىشخانىسى ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ خاماسقا سۆھبەتتە مەغلۇپ بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغۇزۇشقا ئۇرۇنۇش ھىيلە-مىكىرى، دېدى.
لىۋان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لىۋاننىڭ شەرقىدىكى بېكا جىلغىسىدىكى بالبېك رايونى 19-ئاۋغۇست كەچتە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ قېتىم ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئۈچ قېتىملىق ھۇجۇم ئورنى ئوخشىمايدىكەن، ھۇجۇمدا قاتتىق پارتلاش يۈز بەرگەن. بېكا جىلغىسى لىۋان بىلەن سۇرىيە چېگراسىغا يېقىن بولۇپ، لىۋان-ئىسرائىلىيە ۋاقىتلىق چېگراسىدىن يىراق.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى