ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى خاماس ئىسرائىلىيە بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشتىن ۋاز كېچىۋاتىدۇ، دېدى خاماس:بۇ سۆز ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ داۋاملىق ئۇرۇش قىلىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەردى، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-21 11:03

  پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) 20-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن غەززەنىڭ غەربىدىكى پاناھلانغۇچىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەكتەپكە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى، ھۇجۇمدا 12 ئادەم قازا قىلدى، نۇرغۇن ئادەم يوقاپ كەتتى، دېدى.

  ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خاماسنىڭ بىر قوماندانلىق ۋە كونترول قىلىش مەركىزى مۇستاپا ھافىز مەكتىپىنىڭ قورۇسىغا يوشۇرۇنغان. ئىگىلىگەن ئاخباراتقا ئاساسەن، ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى بۇ مەركەزدىكى قوراللىق خادىملارغا دەل زەربە بەردى.

  بۇنىڭدىن باشقا، خاماس 20-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىننىڭ شۇ كۈنى خاماسنى ئىسرائىلىيە بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشتىن ۋاز كەچمەكتە، دەپ ئەيىبلىگەنلىكىدىن ئىنتايىن ھەيران قالغانلىقى ۋە نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

  خاماس: بايدىننىڭ سۆزلىرى «ئازدۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە» بولۇپ، خاماسنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا خاتىمە بېرىشنى ئارزۇ قىلىشتەك ھەقىقىي مەيدانىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ، دېدى. باياناتتا بايدىننىڭ سۆزى «ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان پۇقرالارغا قارىتا تېخىمۇ كۆپ جىنايەت سادىر قىلىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەردى»، دېيىلدى.

  تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

  سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有