رۇسىيە، ئۈچ يېڭى جىتۈەنجۈن تەشكىللەيمىز، دېدى؛ ئۇكرائىنا، كۇرسك رايونىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋاتىمىز، دېدى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنا بىلەن چېگرالىنىدىغان كۇرسىك ئوبلاستى، بېلگورود ئوبلاستى ۋە بريانىسك ئوبلاستىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە قارىتا، 20-ئاۋغۇست ئۈچ يېڭى جىتۈەنجۈن تەشكىللەپ، بۇ ئۈچ رايوندىكى دۆلەت زېمىنى ۋە خەلقنى قوغداشقا مەسئۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمىنىڭ باش قوماندانى 20-ئاۋغۇست ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ كۇرسىك رايونىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىپ، 1262 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان رۇسىيە زېمىنى ۋە 93 ئولتۇراق نۇقتىسىنى كونترول قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى