ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاماسنىڭ رافا لۈيى مەغلۇپ قىلىندى، دېدى. فاتاخنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەزالىرىمىزنى ئۆلتۈرۈشى «ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش پەيدا قىلغانلىق» دەپ ئەيىبلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-22 10:28

  ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن غەززە رايونىدىكى نۇرغۇن سەرگەردانلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆي ۋە مەكتەپلەرگە ھۇجۇم قىلدى، ھۇجۇمدا 29 پەلەستىنلىك قازا قىلدى.

  ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاللانت 8-ئاينىڭ 21-كۈنى مىسىر، غەززە چېگرا رايونىغا جايلاشقان «فىلادېلفى كارىدورى»غا باردى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قىسمى «فىلادېلفى كارىدورى» بويىدىكى 150 دىن ئارتۇق تونېلنى ۋەيران قىلدى، خاماسنىڭ قارمىقىدىكى قوراللىق گۇرۇھ رافا لۈيى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. خاماس تەرەپ بۇنىڭغا ۋاقتىنچە ئىنكاس قايتۇرمىدى.

  ئىسرائىلىيە 8-ئاينىڭ 21-كۈنى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى سىدون شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى، ھۇجۇمدا پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى فاتاخنىڭ ئەمەلدارى خەلىل مەگدانىڭ قازا قىلدى. فاتاخ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى تىلاۋى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ رايوندا «ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قوزغاش» مەقسىتى بارلىقىنى يەنىمۇ ئىسپاتلىدى، دېدى.

  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有