ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ كېچىك پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-24 10:51
ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيەنىڭ كىراسنودار چېگرا رايونى «كاۋكاز» پورتىدىكى كېچىك پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى دەلىللىدى. بۇ پاراخوت رۇسىيەگە يېقىلغۇ ماي ۋە قورال-ياراغ قاتارلىقلارنى توشۇيدىغان بولۇپ، ئۇكرائىنانىڭ قانۇنلۇق نىشانى. بۇ باياناتچى ھۇجۇم قىلىشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرمىدى.  
رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى تاراتقۇلارغا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كۇرسىك ئوبلاستىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى، ئۇكرائىنانىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن بىر كۈندە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى كۇرسىك ئوبلاستىدا تەخمىنەن 400 ئادەم ۋە 17 بىرونېۋىك چىقىم تارتقان. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى كۇرسىك ئوبلاستىغا ھۇجۇم قىلغاندىن بۇيان، جەمئىي 5137 ئادەم ۋە 69 تانكا زىيان تارتتى. 
ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 8-ئاينىڭ 23-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە،  8-ئاينىڭ 22-كۈنى  كېچىدىن  23-كۈنى سەھەرگىچە، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىناغا ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 16 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قويۇپ بەرگەن. ئۇكرائىنا ھاۋا مۇداپىئە قىسمى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 14 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن، يەنە ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئورۇن بەلگىلىيەلمەي چۈشۈپ كەتكەن. 

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ كېچىك پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ كېچىك پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى