ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنى بومباردىمان قىلىشىدا 29 ئادەم قازا قىلدى. خاماس دەرھال ئۇرۇش توختىتىپ، غەززەدىكى بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەشكە شارائىت يارىتىپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-01 11:04

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى غەززە رايونىدىكى نۇرغۇن جايلارنى بومباردىمان قىلىپ، 29 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە شەھىرى ۋە غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا، جەنۇبىي قىسمىدا داۋاملىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن قوراللىق خادىملارنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە ھەربىي قۇرۇلۇشلارنى تازىلىدى.

خاماس تاراتقۇ ئىشخانىسى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇنداق دېدى: غەززە رايونىدا ئېلىپ بېرىلدىغان يۇلۇن سۇر ماددىسى ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ھەرىكىتى بىخەتەر مۇھىتقا موھتاج، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىدىكى ئۇدا ھەربىي ھەرىكىتى شۇ جايدىكى پۇقرالارغا تەھدىت پەيدا قىلدى. خاماس دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى، ئىسرائىلىيە بۇنىڭغا ھازىرچە ئىنكاس قايتۇرمىدى.

بىرىنچى نۆۋەتلىك يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ھەرىكىتى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى غەززە رايونىدا باشلىنىدۇ. غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارا ئاپپاراتلار ھەمدە ھەمكارلاشقۇچى تەرەپلەر شۇ جايدىكى 10 ياشتىن تۆۋەن 640 مىڭدىن ئارتۇق بالىنى يېڭى تىپتىكى ئىچىدىغان يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى 2 تىپلىق ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر قانچە كۈندە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىسرائىلىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى قىسمى، ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ شىمالىدىكى نۇرشەمس رايونىدا داۋاملىق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى. ھەرىكەتتە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بەش ئادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە بۇ رايوننىڭ بىر ھەربىي قوماندانىمۇ بار، ئالتە ئادەمنى قولغا ئالدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنە يولغا كۆمۈلگەن نۇرغۇن پارتلاتقۇچلارنى بايقىغانلىقى ۋە بۇزۇۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنە مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى ھەمدە چېگرا مۇداپىئە ساقچىلىرى يەنىلا ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ شىمالىدىكى جېنىن شەھىرىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، ھازىرغىچە 14 پەلەستىن قوراللىق خادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

يەمەندىكى قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ باياناتچىسى يەھيا سارېيا 8-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە مۇنداق دېدى: بىر يۈك پاراخوتى قاتناشنى چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، قۇسەي قوراللىقلىرى ئادېن قولتۇقى ئەتراپىدا ھۇجۇم قوزغىدى ھەم نىشانغا دەل تەگكۈزدى. يەھيا سارېئا: ئىسرائىلىيە پەلەستىندىكى دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرغىچە ھەمدە غەززە رايونىدىكى قامالنى بىكار قىلغىچە، ئىسرائىلىيەگە مۇناسىۋەتلىك پاراخوتلارغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىمىز، دەپ يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

(تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا، سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن)

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنى بومباردىمان قىلىشىدا 29 ئادەم قازا قىلدى. خاماس دەرھال ئۇرۇش توختىتىپ، غەززەدىكى بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەشكە شارائىت يارىتىپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنى بومباردىمان قىلىشىدا 29 ئادەم قازا قىلدى. خاماس دەرھال ئۇرۇش توختىتىپ، غەززەدىكى بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەشكە شارائىت يارىتىپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى