ئىران مەرھۇم زۇڭتۇڭ رەئىسى ئولتۇرغان تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى
ئىران قوراللىق قىسىم باش ئىشتابى ئالىي مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى مەرھۇم زۇڭتۇڭ رەئىسى ئولتۇرغان تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى، كومىتېت چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچارغا قارىتا تېخنىكا، قۇرۇلۇش، ئېلېكتىرون ۋە يول باشلاش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ دوكلاتىنى تەپسىلىي تەكشۈرگەندىن كېيىن: ۋەقەنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى «بۇ رايوننىڭ ئەتىيازدىكى مۇرەككەپ كىلىمات شارائىتى»، شۇنداقلا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان «قويۇق تۇمان» تىك ئۇچارنىڭ تاغ گەۋدىسىگە سوقۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قارىدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا، سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا