قاتار ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
پەلەستىن ھۆكۈمەت تەرەپ ئاگېنتلىقىنىڭ 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇدا بەش كۈن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى جېنىن شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان، ھازىرغىچە شۇ جايدا 14 ئادەم قازا قىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان، نەچچە ئون ئادەم قولغا ئېلىنغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتى جېنىن شەھىرىنىڭ سۇ، توك، تورنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى كەمچىل بولدى. ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيەلىك ئۈچ ساقچى شۇ كۈنى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ھېبرون شەھىرى ئەتراپىدىكى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى كونترول قىلغان تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئوققا تۇتۇلۇپ قازا قىلدى. ئارقىدىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھېبرون شەھىرىدىكى بىر ئۆيدە ھۇجۇم قىلغۇچىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا داۋاملىق ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانلىقى ھەمدە ئۆلۈم- يېتىم پەيدا قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ئىسرائىلىيە ئاممىسى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن كەچكىچە، تېل ئاۋىۋ، خايفا، ئاشكېلون قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەردە چوڭ تىپتىكى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىدىن خاماس بىلەن تۇتۇپ قىلىنغانلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى تېزدىن ئىمزالاشنى تەلەپ قىلدى. ئىسرائىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى بولغان ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تۇتۇپ قىلىنغانلار مەسىلىسىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، 9-ئاينىڭ 2-كۈنى مەملىكەت بويىچە چوڭ ئىش تاشلاشنى مۇراجىئەت قىلدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا، سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا