ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە تېخىمۇ كۆپ ئولتۇراق نۇقتىسى ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ تايانچ نۇقتىلىرىنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇكرائىنا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى توسقانلىقىنى ئېيتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-05 16:55

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئالدىنقى كۈنى، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى «خىمارس» ناملىق كاتيۇشا ئوقىدىن تۆتنى توسۇپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن 43نى ئېتىپ چۈشۈردى، رۇسىيە ئارمىيەسى يەنە ئۇكرائىنادىكى نۇرغۇن ھەربىي ئايرودۇرۇم ھەمدە ئېنېرگىيە ۋە نېفىت خىمىيە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىغا زەربە بەردى. شۇ كۈنى ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىم باش ئىشتابىنىڭ ئۇرۇش ئەھۋالى ئۇچۇرىدا مۇنداق دېيىلدى: ئالدىنقى سەپنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، بولۇۋاتىدۇ، كۇلاخوۋو ۋە لىمان رايونىدا ئەڭ كەسكىن بولۇۋاتىدۇ. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ۋولچانسك، كۇلاخوۋو قاتارلىق جايلاردا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى توستى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有