ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-22 10:45

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانياخۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاللانتنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىپ، نېتانياخۇ بىلەن گاللانتنى 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە ئىنسانىيەتكە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى ۋە ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىبلىدى. قولغا ئېلىش بۇيرۇقىدا مۇنداق دېيىلدى: ئىككى ئادەمگە قارىتىلغان شىكايەت ئاچارچىلىقنى ئۇرۇش قورالى قىلىش ھەمدە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، زىيانكەشلىك قىلىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىككە يات باشقا قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ، ئۇنى «يەھۇدىيزمغا قارشى تۇرۇش قارارى» دېدى.

بۇ سوت مەھكىمىسى شۇ كۈنى يەنە پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس)نىڭ رەھبىرى مۇھەممەت دىياب ئىبراھىم ماسرىغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. ماسرى خاماس ھەربىي ئىشلار تارمىقىنىڭ قوماندانى. ئىسرائىلىيە ئىلگىرى بىز ئۇنى ئېتىۋەتتۇق، دېگەن، لېكىن خاماس بۇ ئىشنى تېخى ئىسپاتلىمىغان.

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈنى لىۋان جېنجۇداڭىنىڭ بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدىكى داھىيە رايونىدىكى قوماندانلىق مەركىزى ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى. لىۋان جېنجۇداڭى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: 11-ئاينىڭ 20-كۈنى لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ بىر بىرونېۋىكىنى ۋەيران قىلدۇق. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدا قازا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، قازا قىلغانلارنىڭ ئىچىدە بىللە بارغان بىر ئارخېئولوگمۇ بار ئىكەن. لىۋان ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا ئېيتىلىشىچە، 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى لىۋان-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، لىۋان تەۋەسىدە 3583 ئادەم قازا قىلغان، 15 مىڭ 244 ئادەم يارىلانغان. 11-ئاينىڭ 20-كۈنى 25 ئادەم قازا قىلغان، 121 ئادەم يارىلانغان.

غەززە رايونى سەھىيە تارمىقى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن 24 سائەتتە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدە 71 ئادەم قازا قىلدى، 176 ئادەم يارىلاندى، دېدى. ئۆتكەن يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە 44 مىڭ 56 پەلەستىنلىك قازا قىلدى، 104 مىڭ 268 ئادەم يارىلاندى.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانياخۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاللانتنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىپ،